ئاۋسترالىيەدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 - يىللىق خاتىرىسى شۇنداقلا تۇرپان ۋە خوتەندە بولغان ۋەقەلەرگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئادىلايد، سېدنېيدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش ئەتىگەن سائەت 10دا باشلانغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى ھەم تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى. ۋەكىللەر سۆز قىلىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاۋسترالىيە مىنىستىرى كەۋىن رادنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. يولدىن ئۆتكەن ئاۋسترالىيىلىكلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ھەم نامايىشچىلارغا مەدەتلەر بەردى.

سېدنىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن گۈلمىرە زۇنۇن خانىم ۋە مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

نامايىشتىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى نامايىش ئەتىگەن سائەت 10.00دا باشلىنىپ سائەت 12:00دە ئاخىرلاشتى. نامايىشتىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش سۆھبەت خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋسترالىيىدىن ئابىدە تەييارلىدى.