9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئادىلايد جامائىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى قوللاشلىرى بىلەن سېتىۋېلىنغان، ئاۋسترالىيىدىكى تۇنجى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆيى پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ مېھمانلىرى بولغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزالىرىدىن تونى زەپىيا ئەپەندى، دەيۋىد پىسۇينى ئەپەندى، فرانسىز بەدفۇرد خانىم قاتارلىقلار، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى، شۇنداقلا پەخرى رەئىس ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىشتى.
پائالىيەتنىڭ ئەزىز مىھمانلىرىدىن بىرى بولغان فرانسىز بەدفۇرد خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سۆز قىلدى.
ئاۋسترالىيىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن تۇنجى ئېچىلغان بۇ پائالىيەت مەركىزى، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئاۋىستىرالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلاردىن بىرى ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى.
ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت باشتىن - ئاخىرى ئىنتايىن جانلىق، قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، خانىملار تەييارلىغان ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن پىشۇرۇقلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى. پائالىيەت جامائەتنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىغا، ۋەتەندىكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئالار قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.