1989-يىلى «بېرلىن تېمى» يىقىلغاندا غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، «ئەمدى سوغۇق ئۇرۇش كەلمەسكە كەتتى، ئىدېئولوگىيە جىدەللىرىمۇ تۈگىدى،» دېيىشكەنلىكى مەلۇم. ئەمما «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، پروفېسسور خامىلتوننىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، «سوغۇق ئۇرۇش» ئاسىيا قىتئەسىدە ھېچقاچان ئاخىرلاشمىغان. ئەكسىچە بۇ خىل ئىدېئولوگىيە جىدەللىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۇرۇش خىتاي تېررىتورىيەسى تەۋەسىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئۆز قوشنىلىرىنى بويسۇندۇرۇشقا يۈز تۇتقان. بۇنىڭ تۇنجى ۋە زور قەدىمى ئەنە شۇ يوسۇندا ئاۋسترالىيەگە بىر زور قارا سايە تاشلىغان.
پروفېسسور خامىلتوننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلىرى ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق خىتاي مۇھاجىرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سۆز قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن. خىتاينىڭ بېيجىڭدىن سوزۇلغان بۇ ئۇزۇن قوللىرى يەنە بىر ياقتىن ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي جەمئىيەتلىرى، خىتايچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، كەسپىي جەمئىيەتلەر شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىگە سوزۇلۇپ، بۇ ساھەلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلىرى (بەزىدە بۇنى ‹مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇنۇشلار› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ)، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ قانداق كىنولارنى كۆرۈشى، قانداق كىتاب ياكى گېزىتلەرنى ئوقۇشىنى باشقۇرماقچى بولۇشى ئادەمنى شۈركەندۈرۈۋېتىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋسترالىيە دۆلىتىنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئاساس بولغان دېموكراتىك پرىنسىپلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھەرىكەتلەر. ھالبۇكى، بېيجىڭنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنىڭ بەزىدە شۇنچە سىلىق ھالدا كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق سەنەملەرگە بەخىرامان ئۇسسۇلغا چۈشۈشى بولسا مېنى تېخىمۇ چۆچۈتمەكتە. مېنىڭچە، بۇ جەھەتتە ئاۋسترالىيەلىكلەر ئارىسىدا ھازىر بۇنىڭغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىش مەۋجۇت. ئۇلارمۇ بۇنىڭغا داۋاملىق سەۋرى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قانداق كىنولارنى كۆرۈشىمىز ياكى قانداق كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇشىمىزغا چەك قويۇشىغا قارىتا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى داۋاملىق بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، دەپ قارىمايمەن.»
ئاپتورنىڭ ھەممىدىنمۇ بەك دىققىتىنى تارتقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە قارشى سادا چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق تەشكىلاتنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق تەقىب ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسى يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ئۆزىگە قارشى پىكىردىكى ھەمدە تەنقىدىي مۇئامىلىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمدە شەخسلەرنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ھەمدە فالۇنگوڭچىلارنىڭ جەمئىيەتلىرى بار. ئۆتكەن 15 ياكى 20 يىل ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسى بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي مۇھاكىمىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىش جەھەتتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى ياكى ھېكايىنىڭ بىرلا بۆلىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى يالغۇز ئاشۇ تەنقىدىي ئاۋازلارنى (مەيلى ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەر ۋە ياكى دېموكراتچىلار بولسۇن) جىمىقتۇرۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئاۋازلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىگە بويسۇندۇرغان ھالدا ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي ئېقىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. دەل مۇشۇ مەقسەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئاۋسترالىيەدىكى ئاساسىي سىياسىي پارتىيەلەرنى، داڭلىق زىيالىيلارنى ھەمدە ئاخبارات قاناللىرىنى نىشان قىلىشقا كىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ھازىر خېلى ئىشلارنى قىلىپ بولدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئويغىنىشقا، خىتاينىڭ بۇ جايدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە باشلىدى. شۇڭا ھازىر بېيجىڭنىڭ بۇ دۆلەتكە ‹ئىستىلا› قىلىشىغا قارشى ھەرىكەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.»
پروفېسسور خامىلتوننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ھەممىلا جايدا ئۆكتەملىك بىلەن ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق باشقۇرۇشىدىكى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە «ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى» بەرپا قىلىپ، «ئىقتىسادىي ياردەم» ئارقىلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدە جۇ مىنشېن كەبى ھەم پۇلدار ھەم زىيالىي كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويۇپ ئاتالمىش «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پائالىيەتلىرىگە پايدىلىق جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلماقتا ئىكەن. بۇ يۈزلىنىش نۆۋەتتە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە قاقتى-سوقتى قىلىشتا ھېچكىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ. دەرۋەقە، بىز بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەندە شۇنىڭدەك ياپونىيەدە كۆپلەپ ئىجرا بولغانلىقىنى كۆردۇق. ھالبۇكى، ئاۋسترالىيەدە بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي قاقتى-سوقتى قىلىشلارنىڭ تەھدىت تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىغا بىز گۇۋاھ بولماقتىمىز. ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىيونلار ۋە كاتتا تىجارەتچىلەر بېيجىڭنى رەنجىتىپ قويىدىغان بىرەر چارە-تەدبىر قوللانساق خىتاي بىزنى ئۇنداق قىلىۋېتىدۇ، مۇنداق قىلىۋېتىدۇ، دەپ قورقۇپ تىترەپ يۈرۈشمەكتە. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر مەملىكەت ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلمىسا ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىش قۇدرىتىگە ئېگە بولغاچقا، ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي قارار چىقارغۇچى زاتلار بېيجىڭنى رەنجىتىپ قويىدىغان بىرەر قارار چىقىرىپ قويۇشتىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇ بەكمۇ ئۈنۈملۈك قورال بولۇۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشتە بەكمۇ ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتىدۇ.»
«تىمتاس ئىستىلا» ناملىق بۇ ئەسەر ھەققىدىكى بايانلارنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00