كلايىۋ خامىلتون: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەنى قورچاققا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا!» (3)

0:00 / 0:00

پروفېسسور خامىلتوننىڭ «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسىرىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋسترالىيەنى ئۆزىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە تەڭلا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان بولغاچقا بىر قىسىم خىتاي زىيالىلىرى، بولۇپمۇ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى «ئالىملار» بۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پروفېسسور خامىلتوننىڭ ئەسىرىدە بايان قىلىنغان خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدە يىلتىز تارتىشىنى «ئاپتور سىياسىي نۇقتىدىن خاتا چۈشەنگەن» دەپ تەنقىدلىگەن. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ھال خۇددى ئامېرىكىلىق داڭلىق سىياسەت پەنلىرى ئالىمى سامۇئېل خۇنتىڭتون ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئوخشاش بولمىغان «مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش» ئىكەنلىكىنى تەكتىلىگەن. بىز ئاپتوردىن بۇ قاراشلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنى «پۈتۈنلەي خاتا،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خۇلاسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىمەن. نېمىشقا دېسىڭىز، بىز بۇ يەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. پەقەت خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان خىتايلارلا بۇ ھادىسىنى ‹مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى› دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ئەمەس، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بىزنى شۇنداق ئويلىسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتكە قىلچە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ كىتابىمنى ئاۋسترالىيەدىكى خىتايلار بەكلا ئالقىشلىدى. چۈنكى ئاۋسترالىيەدىكى بۇ خىتايلار بېيجىڭنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئىستىلاسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ۋە ئەڭ زور زىيىنىغا ئۇچرىغانلار. دەرۋەقە بىر قىسىم خىتاي زىيالىلىرى بۇ ھالنى ھەممىلا جايدا قارشى ئېلىنىدىغان ‹خىتاي مەدەنىيىتى› نىڭ چەتئەلدە بىخ تارتىشى، دەپ ئاقلىشى مۇمكىن. ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى بۇ يەردە ‹خىتاي مەدەنىيتى› ئەمەس، بەلكى ‹خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيتى› بىخ تارتىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ‹خىتاي مەدەنىيىتى› نىقاۋى ئاستىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى يامراۋاتىدۇ. بۇ تەسىر بېيجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشتىكى ئۇسۇللىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئاۋسترالىيەدىكى كۆپلىگەن خىتاي زىيالىلىرى ئوچۇق خەتلەرنى ئېلان قىلىپ، مەن كىتابىمدا ئوتتۇرىغا قويغان خۇلاسىلەرنى قوللايدىغان پىكىرلەرنى بايان قىلدى.»

پروفېسسور خامىلتوننىڭ ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە پىكىر قىلغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «شەپىسىز تاجاۋۇزچىلىقى» نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالغىنى يوق.

ئاۋسترالىيەدە ئون نەچچە يىللىق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زۇبەيرە شەمسىدىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا كلايېۋ خامىلتوننىڭ ئەسىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چىنلىقنى تەستىقلايدۇ. مەزكۇر كىتاپتا ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى باب خاۋكنىڭ بىۋاستە باشلامچىلىقىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتا ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان 42 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ئىجازىتى (يېشىل كارتا) بەرگەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان. ئەپسۇسكى بۇ خىتايلارنىڭ قەلبىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولغىنى يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان مۇھەببەت بولغان.

زۇبەيرە خانىم بۇ جەھەتتە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا خۇددى پروفېسسور خامىلتون ئېيتقاندەك، ئاۋسترالىيەدىكى خىتايلار بۇ جايدا ئۆزىگە تېگىشلىك «مەدەنىيەت» پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ئورنىغا ھەدېسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇمبىقىنى چېلىشتىن زېرىكمىگەن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نەقەدەر «مەمنۇن» ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا تەشۋىق قىلماقچى بولغان.

ئەمما ئەخمەت ئېگەمبەردى ئاكىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە بۇ قەدەر ئۆكتەملىشىپ كېتىشى، يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى زىيانكەشلىكىگە بىۋاستە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلاردەك بىر خەلقنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پروفېسسور خامىلتوننىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئاۋسترالىيە تەۋەسىدە بىر زور ئىجتىمائىي مۇھاكىمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ساھەلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.