د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ماگنېتسكىي قانۇنى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.04
Nury-Turkel-Awstraliye-Magnetisky-2018.JPG نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى رىچارد كلارك ئەپەندى (سولدىن بىرىنچى)، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم (سولدىن ئۇچۇنجى) لار بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 4-دېكابىر. كانبېررا، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررا شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىملار ئىشتىراك قىلدى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى بىلەن يۇقىرى پالاتاسى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئاخبارات خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

د ئۇ ق ھەيئىتى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى چىقارماقچى بولغان ماگنېتسكىي قانۇن لايىھىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى. 

د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ كانبېررادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتىمۇ توختالدى. 

يېقىندىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 12-ئاينىڭ 4-كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت كانبېررادىكى ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا توختالدى. 

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر مەيدانغا چىققان ۋەزىيەت ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا تەلەپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. 

د ئۇ ق ھەيئىتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورىن، ۋە ئادىلايد قاتارلىق جايلىرىغا زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۈگۈن كانبېررادىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سىدنېيگە قاراپ ماڭغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.