ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرىلەر (1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور غۇلغۇلا قوزغاش بىلەن بىرلىكتە جامائەت پىكرىدىكى دائىملىق قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن يېقىندا غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلار ھەققىدە خىلمۇ-خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 26-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مالىمانغا تولغان چېگرا رايونى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا خىتاي كىملىكى ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئۆز نۆۋىتىدە بايلىققا تىنىپ كەتكەن مەزكۇر رايوننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك قىممىتى بىلەن بىرلىكتە دىققەتتە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ئەھۋالنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا ئۆز كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەزكۇر رايوننى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۇنياغا ئېچىۋېتىش مۇناسىۋىتى» دەپ شەرھىلەشكە بولىدىكەن.

يىغىن باشلانغاندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقى، بىرىنچى بۆلىكىنىڭ فەيسبوك ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغانلىقى، ئەمما سوئال-جاۋاب ھەققىدىكى ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ پەقەت يىغىن زالى ئىچىدىكىلەرگىلا ئوچۇق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، دوكتور مايكىل كلارك سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ئەمگەكلىرىنى بىرمۇ-بىر تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا تارىخشۇناس، ئامېرىكا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆتۈشمىسى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ماكاننىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلدى.

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا تونۇشلۇق بولغان تارىخشۇناس، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى دېيۋىد بروفىي سۆز ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەزمەن يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق قولدىن-قولغا ئۆتۈش ھادىسىسىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، 1750-يىللىرى چىڭ سۇلالىسى مەزكۇر رايوننى تۇنجى قېتىم ئىستىلا قىلىشىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، 1864-يىلىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ زور كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىدا بۇ زېمىن بىر قېتىم قولدىن كەتكەن. شۇ ۋاقىتتا ياقۇپبەگ باشلامچىلىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يەرلىك ھاكىمىيەت چىڭ سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى زو زوڭتاڭنىڭ قولىدا ھالاك بولغاندىن كېيىن بۇ ماكان يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن. ئاخىرقى قېتىملىق ئىستىلا بولسا 1949-يىلى ئىشقا ئاشقان ۋە بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ قولىدا بولۇشى مۇقىملاشقان. مۇشۇ قولدىن-قولغا ئۆتۈشلەر جەريانىدا «شىنجاڭ» دەپ ئاتالغان بۇ ماكانغا قارىتىلغان سىياسەتلەر شەكىلدە بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولغان. 250 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بۇ ئۆتۈشۈش جەريانىنى ئومۇمەن قىلىپ ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىقتىن بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، ئاپتونومىيە ھەدىيە قىلىشتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدىكەن. ئەمما بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرىدىن ئالغان ئۇنىڭ نىشانى ۋە مەقسىتى بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىنلا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېيمىس لېيبولد سۆز ئالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى شەرھىلەش توغرا كەلسە ئۆزىنىڭ بۇ باسقۇچنى «مۇستەملىكىلەشتۈرۈش قەدىمى» دەپ ئاتاشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، 1947-يىلى پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇس كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا نۆۋەتتە ئاللىقاچان ئومۇمى نوپۇسنىڭ 41 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

پروفېسسور جېيمىسنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل «مۇستەملىكىلەشتۈرۈش» باسقۇچى ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلغان. بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەربىي، ساقچى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمرانلىق ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «مۇستەملىكە» رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان: يەرلىكلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى تامامەن چەكلەنگەن؛ بېيجىڭنىڭ بۇ رايونغا سەرپ قىلغان بىخەتەرلىك خىراجىتى نەچچە يۈز پىرسەنتلەپ ئاشقان؛ مىليونلىغان كىشىلەر «تەربىيىلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان. بۇ يىل بولسا پۈتكۈل خىتايدىكى قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ 21 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا بۇ ھالەتنى «دۇنيا مىقياسىدا ياكى دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە» دېيىشكە تامامەن بولىدىكەن.

تەرتىپ بويىچە جېيمىس كۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى ئاننا خايېس سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بارچە تەدبىرلىرىدە ئىزچىل تەڭسىزلىك مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ 1949-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدا ھەرقاچان دېڭىز بويى ياقىلىرىنىڭ ئالدىنقى تاللاش بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنداق پىلانلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان بۇ جايدىكى زېمىن ۋە خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئەسلىدىلا قالايمىقان بولغان بۇ خىل مىللىي سىياسەتلەرنىڭ ئاقىۋەتتە يەرلىك خەلققە زور دەرىجىدە مالىمانچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايدەك كۆپ مىللەت مەۋجۇت بولغان بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق، رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر رامكىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور «داشقازان» پەيدا قىلغان، بۇ «قازان» غا چۈشكەنلىكى نەرسە بولسا ئېرىپ باشقا ئامىللار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن. شۇڭا مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەقىقەتەنمۇ «مۇستەملىكىلەشتۈرۈش جەريانى» دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇيغۇرلارنى بولسا «مۇستەملىكىلىشىۋاتقان خەلق»، ئۇلارنىڭ ماكانىنى بولسا «مۇستەملىكە رايونى» دېيىشكە بولىدىكەن.

بىرىنچى قېتىملىق پىكىر ئايلانمىسىدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگۈسى ئاقىۋىتى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ قېتىمقى يىغىن خاتىرىسىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.