ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرىلەر (2)

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى سانى ۋە كۆلىمى بارغانسېرى زورىيىپ مېڭىۋاتقان «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئاساسى تېما بولدى. بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتە ئاللىقاچان مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىگە مۇشۇ يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشىدىكى ھەقىقىي مۇددىئا، بۇنداق زور كۆلەملىك قاماقنىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەققىدە پىكىر قىلىش يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

ئالدى بىلەن مىللەتشۇناس جېيمىس لېيبولد سۆز ئالدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرۋاقىت مۇشۇ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنداق ئەسلىھەلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردا بۇ جايلارغا قامالغانلىقى ئېنىق بولغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق «جىنايەت» ئامىللىرى مەۋجۇت بولمىغان ۋە ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەردىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا يىل-يىللاپ مۇشۇ جايلاردا قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر ھازىر نوقۇل «سىياسىي جەھەتتە مېڭە يۇيۇش» نىڭ نىشانى بولماقتا ئىكەن. تۈرلۈك ئۇچۇرلار بۇ ھەرىكەتنىڭ ھازىر بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تېمىسىدىكى «قىزىل ناخشا» ۋە «قىزىل تېكىست» ئوقۇشقا مەجبۇرلاش شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش شەكلىدە ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

پروفېسسور جېيمىسنىڭ پىكرىچە، ھازىر بۇ جايلاردا قامالغان كىشىلەرگە قويۇلغان ئۆلچەملەردە تولىمۇ پەرقلىق ھادىسىلەر مەۋجۇت ئىكەن. بۇ خىلدىكى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» دەسلەپ ئېچىلغان ۋاقىتلاردا، يەنى 2014-يىلى ۋە 2015-يىلى ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر «كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى يامان ئىدىيەلەرنى تۈگىتىپ، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» مەقسەت قىلىنغان. ئۇ ۋاقىتلار دەل بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىككى يۈزگە يېقىن خىتايغا پىچاق تىقىۋېتىشى، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقاندا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا بومبا ھۇجۇمى قوزغاش دېگەندەك زورلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋاقىتلار ئىكەن. 2016-يىلى چېن چۇەنگو پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ ئالمىشىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى باشقىچە تۈس ئېلىشقا باشلىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور توم كلىف نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇ قەدەر پەۋقۇلئاددە يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەھدىت» دەيدىغان قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ «ئۇيغۇر تېررورچىلىرى» نىڭ تەشكىللىك قوراللىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ يېتەرلىك ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈردى. دوكتور تومنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلماقچى بولغانلىرى ئاساسەن ئىجتىمائىي كونتروللۇق بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق نىشان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى كۆزلەۋاتقان بولغاچقا، بۇ خىل كونتروللۇقتا دەسلەپ زۆرۈر بولىدىغىنى پۇقرالارغا قارىتىلغان ئۈنۈملۈك «سەپەرۋەرلىك» ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «سەپەرۋەرلىك» ھەرىكەتلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەرقاچان خىتاي ئاھالىسىدىن پەرقلىق بولغان ئىنكاستا بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن چېن چۇەنگو يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل «ئومۇمى سەپەرۋەرلىك» كە باشقىچە ئىنكاستا بولۇۋاتقان ئاشۇ «بىنورمال» ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن باشقا خىتايلارغا ئوخشاش ئىنكاس بىلدۈرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش لازىم ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنى خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى بويىچە «تەربىيىلەش» ۋە «ئىنتىزام» غا بويسۇنىدىغان قىلىپ چىقىش زۆرۈر ئىكەن. شۇڭا بۇ ھادىسىلەرنى ئاددىيلا قىلىپ «چېن چۇەنگو كېلىپ جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا چىققاندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان،» دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.

دوكتور تومنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يۈز مىڭلاپ قامالغان بۇ «مەركەزلەر» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن پۈتۈنلەي تاندۇرۇپ، ئاتالمىش خىتايلارنى «ئۆز ئەجدادىمىز» دېگۈزۈش، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا نۆۋەتتىكى «شى جىنپىڭ ئاتا (بولغان)، خىتاي كومپارتىيىسى ئانا (بولغان)» بىر سىياسىي بىرلىكنى تەن ئالغۇزۇش ئىكەن. بۇ قارىماققا ئەدەبىي ئوخشىتىشتەك كۆرۈنسىمۇ ھازىرقى ئەھۋال بۇنىڭ رېئاللىقتا شۇنداق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار «بېقىۋېلىنغان بالا» بولۇپ، كوڭزىچىلىق ئاساسىدىكى ئائىلە قارىشىدا بۇنداق ئۆگەي بالىلار «ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندا» ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ بولۇۋېرىدىكەن. شۇڭا ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاشۇ لاگېرلاردا قىلىۋاتقانلىرى دەل مۇشۇ خىل قاراشنى يوللۇق دەپ قاراش ئاساسىدىكى ھەرىكەتلەر ئىكەن. چۈنكى لاگېرلاردىكى بۇ كىشىلەر «تاپتىن چىقىپ كەتكەن»، يەنە كېلىپ «بېقىۋېلىنغان» بالىلار بولۇپ، بۇنداق ئەتىۋارى يوق «بېقىۋالغان بالىلار» دىن ۋاز كېچىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس ئىكەن، گەرچە «ئۆز» پەرزەنتلىرىنى ئۇنداق قىلغىلى بولمىسىمۇ. مانا بۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىكى ئاساسىي پەرق ئىكەن.

ئارقىدىن سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى، دوكتور دېيۋىد بروفىي نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە زىيارىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىغا قەدەم قويغان ھامان ئالا-يېشىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق دوقمۇشتا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بىنالارنىڭ ھەممىسى ھەربىيچە شەكىلدىكى ئىستىھكاملار بىلەن ئورالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەرقاچان ئادەمنى خۇددى بىر ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا باشلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور دېيۋىد ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆتكەنكى بىرنەچچە يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنى نىسبەتەن سۈكۈتكە چۆمگەن دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتە مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە يەرلىك كىشىلەرنىڭ «ئەسەبىي بولمىغان» يۈرۈش-تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلىشى زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن «ئىماملارنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈشى»، «ھەپتىسىگە بىر قېتىم بايراق چىقىرىش»، «ساداقەتمەنلىكنى بىلدۈرۈش مەكتۇپلىرىنى يېزىش» دېگەنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. دېيۋىد بروفىينىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىلىكى ئۈچۈن جاجىسىنى يېيىشى لازىم» دەيدىغان بىر قاراش نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسەتلەرگە جۆر بولماقتا ئىكەن. بۇ ھال كىشىنىڭ بەدىنىنى شۈركەندۈرىۋېتىدىغان بىر ھادىسە بولسىمۇ، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان «تېررورچىلار» دەپ قاراش ئومۇملاشماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مېھمانخانا تاپالماسلىقىدەك مۈشكۈلاتلىرى خىتايلارنىڭ قېتىغىمۇ كەلمەيدىكەن. ئۇلار بۇنداق ھادىسىلەرگە قارىتا ئاددىيلا قىلىپ «ئۆزىنىڭ شورى! يەنە قانداق بولسا بولاتتى» دەپلا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قاراڭلار، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭدا زادىلا قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرمىدى. نېمىشقا دېگەندە ئاشۇ سىياسەتلەرنىڭ رولى بەك چوڭ بولدى» دەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يېيىلىۋاتقان سىياسىي كەيپىيات يەنە بىر ياقتىن خىتاي مىللەتچىلىكىگە پىلتا بولغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولۇشىغا يول ئاچماقتا ئىكەن. شۇڭا بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ سىياسەتلەرنىڭ مۇشۇ يېقىندا ئاياغلىشىدىغان ئەلپازى يوق،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.