قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى

0:00 / 0:00

قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس پەرمانىغا بىنائەن 25-مايدا مەملىكەتنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئاخىرقى قوڭغۇراق» يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتتى. شۇ جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرىگە ئورۇنلاشقان پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئۇيغۇر، قازاق ھەم رۇس تىللىرىدىكى ئارىلاش مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەمۇ بار.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مەكتەپ بىلىم كۆرسەتكۈچلىرى جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق گىمنازىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا 1500 گە يېقىن بالا ئوقۇيدۇ. مەكتەپ تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە زامانىۋى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىنلەنگەن.

مەكتەپ ھويلىسىدا ئۆتكەن تەنتەنىلىك يىغىنغا مۇئەللىملەر، ئوقۇغۇچىلار، زىيالىيلار، بىلىم بېرىش ئىدارىلىرى ۋە جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە باشقىلار قاتناشتى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى يېمېليان ھوشۇروف مەكتەپنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ يىلى ئوقۇشنى تاماملاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان كەسىپلىرى بويىچە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىشىنى ۋە ئۇلارغا ئاق يول تىلىدى. ئالىم رابىك ئىسمايىلوف بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىنى دۇنياغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇستازلار سىلەرگە بىلىم بېرىش بىلەن بىللە ئەڭ ئاساسىي نەرسە، سىلەرنى مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە تەربىيەلەپ ئۆستۈردى. ئۆزۈڭلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭلارنى، قازاقىستان بىلەن بىللە ئۆز خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشىڭلارنى ھېچ قاچان ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. سىلەر ئۇيغۇر دېگەن نامنى ئۇنۇتمىساڭلار، سىلەردىن ياخشى ئادەملەر چىقىدۇ. بىزنىڭ كېلەچىكىمىز سىلەر».

بۇ يىلى مەزكۇر مەكتەپنى تاماملىغانلار بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانلىرىنى تاپشۇرۇشقا تەييارلانماقتا. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ پۈتتۈرگەن قىز-يىگىتلەر قانداق كەسىپلەرنى تاللاۋاتىدۇ؟ قازاقىستان بۈگۈنكى كۈندە قانداق مۇتەخەسسىسلەرگە كۆپرەك موھتاج؟ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشىنىڭ ئاساسىي نەتىجىسى نېمىدە؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شەرىپجان نادىروفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان 4-سانائەت ئىنقىلابى ۋەقەسى جەريانىدا كۆپلىگەن كەسىپلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى كۈتۈلمەكتىكەن. ئادەمنىڭ ئورنىغا يېڭى كومپيۇتېرلىق-ئاخبارات تېخنولوگىيەلىرى كېلىپ، ئىشلەپ چىقىرىشتا، سانائەتتە ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكچى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپ كەسىپلەر يوقاپ كەتسە، شۇ كەسىپنى ئىگىلەيدىغان بالىلار ئىشسىز قالىدۇ. يا بولمىسا باشقا كەسىپنى ئىگىلەش كېرەك. مېنىڭ پىكرىمچە، ھاياتتا ياخشى ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ياشلار تېخنىكىلىق پەنلەرنى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تېبابەتچىلىكنى ئىگىلەش كېرەك. بۇ كەسىپلەر ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ. بىراق، ئۇيغۇر بالىلىرى رىقابەتچىلىكتە يۇقىرى دەرىجىدە تۇرۇشى ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا بىر باش ئېگىز بولۇشى كېرەك. قايسى دۆلەت بولسۇن، ئاز سانلىق مىللەتلەر چوڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىر دەرىجىدە تۇرۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا يۇقىرىدا ئاتالغان پەنلەرگە دىققەت قىلىنسا».

شەرىپجان نادىروف ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەش ۋە ئىزدىنىش لازىملىقىنى، كەسىپنى توغرا تاللاشنى بىلىش مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئاساسىي نەتىجىسى-ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز تىلىنى تولۇق ئىگىلەپ چىقىشى ئىكەن. ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلى ئارقىلىق ئاكادېمىيەلىك پەنلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر بىلىم ئېلىپ چىقىدىكەن. شاۋكەت ئۆمەروف يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى ئارقىلىق دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلىنى، شۇنداقلا باشقىمۇ تىللارنى ئۆگىنىپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئانا تىلىدا بىلىم ئالغان ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، رەسىم-قائىدىلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. پرېزىدېنتىمىز <مەنىۋى يېڭىلىنىش>> ناملىق ماقالىسىدە ئېيتقاندەك، ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ كودىنى، يەنى تېگىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ئانا تىلى تېگىنى ساقلاپ قېلىشقا بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى بېرىدۇ. بۇنىڭغا بىردىن-بىر ياردەمچى بولىدىغان مەكتەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە مىللەتنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇغانلىقى چوڭ ئۇتۇق. بولۇپمۇ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇتۇقى-بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشىمىزغا مۇمكىنچىلىكنىڭ بارلىقىدۇر.»

شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قايسى تىلدا بىلىم ئالىمەن دېسە ئۆز ئەركى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە بىرەر مەجبۇرلاشنىڭ يوقلىغىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىراق بىز تەشۋىقات ئىشلىرىنى ماڭغۇزۇۋاتىمىز. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قايسى تىلدا بىلىم ئالىدىغانلىقىنى تاللاپ ئېلىۋاتىدۇ. بىراق، ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەر بىر مىللەت قانچە راۋاجلانغانسېرى، ئۆزىنىڭ تىلىغا بولغان مۇھەببىتى ئۆسىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يامان ئەمەس. مەن ئويلايمەنكى، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى، تېگىنى ئويلىغان ھەر قانداق ۋەكىل ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تېگىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى سۆزسىز. كېلەچەكتە شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، بارلىقى ئانا تىلغا موھتاج بولۇپ، بالىلىرىمىزنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ».

شاۋكەت ئۆمەروف شەخسەن ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇش ساپاسىنىڭمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ھازىر ئومۇمەن قازاقىستان بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ 15مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەھەرگە قارىغاندا، يېزا يەرلىرىدە ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ ئۆسمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق رىقابەتچىلىككە چۈشەلەيدىغان دەرىجىدە بولۇش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىرى، مۇئەللىملەر كۆپ كۈچ چىقىرىپ، قازاقىستاندىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىشى لازىم ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بارلىق شارائىتلار بار. ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنى خالىغان تىلدا ئوقۇتالايدۇ. سەن قازاق تىلىدا ياكى بولمىسا باشقا تىلدا ئوقۇيسەن دېگەن مەجبۇرلاش يوق. ھەر كىمنىڭ ئۆز مەيلى. ئەمدى بىزنىڭ بارلىقىمىزنىڭ دىققىتى ئانا ۋەتىنىمىزدە. 20 مىليون قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان بۇ يەردە مۇنچىلىك ئەركىنلىكلەر يوق. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش <قوش تىللىق مائارىپ> دېگەن سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى يېپىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى كېتىپ بارىدۇ. ئاڭلىشىمچە، قازاق تىللىق مەكتەپلەرمۇ شۇنداق ئەھۋالدا ئىكەن. ئەلۋەتتە، ئانا تىلىدا مەكتىپى بولمىغان خەلقنىڭ قانداق كېلەچىكى بولسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي مائارىپىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك».

ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپتە ئۆتكەن بۇ يىغىندا شۇنداقلا جەمئىيەتلەر بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرى، ئاتا-ئانىلار، ھامىيلار ۋە باشقىلار سۆزگە چىقىپ، ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، مىللىي تەربىيە، مىللىي روھ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈردى. يىغىن داۋامىدا ئەلا ئوقۇغان ۋە مەكتەپنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشقان ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن ئۇستازلار ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەندى.