2-نۆۋەتلىك «دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرى يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك «دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرى ئالىي يىغىنى» چاقىرىلدى. يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايال ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش ۋە كۆچۈش» تېمىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى ئارزۇ ئەردەم خانىممۇ سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

1-2-مارت كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى تىتانىك مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا مالايشىيا، پاكىستان، ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش 27 ئەتراپىدا دۆلەتتىن ئايال ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئايال زىيالىيلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك باشچىلىقىدا ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايالمۇ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بايان قىلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تراگېدىيەسى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇ، سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىگە، ئاللىتۇرنا ئاياللار جەمئىيىتىگە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن ھۆرمەت ۋە ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.»

نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بەكلا قىيىن، چۈنكى بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلار شەرقىي تۈركىستانلىقلار. بۇ زالدا كۆك بايراق تۇتۇپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئاياللار يېرىم ئىنسان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئاياللارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۇرتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىقىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى سىلەرگە ئاڭلىتىمەن.»

بىز نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بىلەن يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

2-نۆۋەتلىك «دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللار ئالىي يىغىنى» غا ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۇنجى قېتىم بىر ئاياللار يىغىنىغا 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇلدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلايمان دوغان ئەپەندى ۋە يىغىندا سۆز قىلغان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا سۆز قىلغان نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم بۇ خىل يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تازا ياخشى بىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2-نۆۋەتلىك «دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرى ئالىي يىغىنى» غا قاتناشقان تاجىگۈل خانىم، يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئاڭلاپ تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تاجىگۈل خانىم ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كەلگىلى 35 يىل بولغانلىقىنى، يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئاللىتۇرنا ئاياللار جەمئىيىتى رەئىسى سوناي خانىمغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇ، ئۆزىنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمىدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر جەمئىيەتكە خىتاي ئەلچىلىكى بېسىم ئىشلەتكەن.

«دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرى يىغىنى» ئاياللار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. مەزكۇر يىغىننىڭ 1-نۆۋەتلىكى 2016-يىلى مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن. بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.