نۆۋەتتە، بۇ يىل 17 - ئاۋغۇست باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى مالايشىياغا كېڭەيگەن. «باڭكوك پوچتا گېزىتى» 9 - نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا مالايشىياغا بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تايلاند باش ساقچى نازارەتچىسى گېنېرال سۇچارت تېراساۋات Suchart Teerasawat باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى 17 - ئاۋغۇست ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا بومبا قويغان گۇماندارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشكەن.
تايلاند مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى بىر مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى «باڭكوك پوچتا گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، بىر بومبىچى گۇماندارنىڭ جەنۇبىي تايلاند چېگراسى ئارقىلىق مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بايقالغانلىقىنى، ئۇ ئادەم 17 - ئاۋغۇست كۈنى «ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا بومبا قويغان سېرىق مايكىلىق گۇماندارىدەك قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
17 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەدە 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان تايلاند ھۆكۈمىتى پارتلاشنى ئادەم بېدىكلىرىگە باغلىغان. ۋەقەنى ئۇلارنى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەدە خەلقئارا تېررورلۇق گۇرۇھلارنىڭ قولى بارلىقى گۇمانلىق، دېگەن.
ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، باڭكوكتىكى پارتلاش ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى بار.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تايلاندتىكى ئۇ ۋەقە ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭدا قوللانغان پارتلىتىش قورالى ئىپتىدائىي ئەمەس، ئۇ نىسبەتەن ئىلغار نەرسە. ئۇ ئىسلام دۆلىتى ISIS ۋە باشقا خەلقئارا تېررورلۇق گۇرۇھلار بۇرۇن قوللانغان قورال ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئۇنىڭ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
لېكىن، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تايلاند بىلەن خىتاينىڭ پارتلاشنى تېررورلۇققا باشلىماسلىقىدا، ئۇلارنىڭ پەرقلىق سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ ئىشنى بەك كېڭەيتىۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتسە، ئۇ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس. ئەمما يالغۇزلا مۇشۇ ‹شەرقىي تۈركىستانچىلار› غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسىلا بولدى.
تايلاند ئەمدى خىتاينىڭ تەلىپىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇرۇن تۈركىيەگە سۈز بەرگەچكە بىر قىسىم بالىلارنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەن بىلەن، ئەمما قولىدا قالغانلارنىڭ ھەممىنى خىتايغا بەردى. چۈنكى، تايلاند دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى بار، مەبلەغ سېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان»
تايلاند ھازىرغا قەدەر ۋەقەگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان 17 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈرك، تايلاند ۋە مالايشىيا ۋەتەنداشلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ بىرى، يولدىشى تۈرك، تايلاندلىق بىر ئايال ۋاننا سۇئانسان. يەنە بىرى، ئود پرايۇنۋوڭ Odd Prayoonwong ئىسىملىك تايلاندلىق ئەر. تايلاند ھۆكۈمىتى پرايۇنۋوڭنى 17 - ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسى ۋە 18 - ئاۋغۇستتىكى بومبا قويۇش ۋەقەسىگە چېتىشلىق، دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. دائىرىلەر، پرايۇنۋوڭنى 2010 - يىلى يۈز بەرگەن 2 قېتىملىق سىياسىي مەقسەتلىك بومبا ھۇجۇمىغا چېتىشلىق، دەپ قارايدىكەن.
«باڭكوك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرى، ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا بومبا قويغان كىم؟ دېگەن مەسىلىگە يەنە سوئال قويدى. ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتى بومبىنى گۇماندار ئادام قاراداغ ياكى يەنە بىر ئىسمى بىلەن بىلال مۇھەممەتنىڭ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ بىلال مۇھەممەت بىلەن ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا بومبا قويغان، دەپ قارالغان گۇماندارنىڭ ئوخشاش بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلدۇق، دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«باڭكوك پوچتا گېزىتى» 1 - ئۆكتەبىر خەۋىرىدە، بىلال مۇھەممەتنىڭ 17 - ئاۋغۇست ئىبادەتخانىغا بومبا قويغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلال مۇھەممەتنىڭ ئادۋوكاتى چۇكارت كانپاينىڭ Chuchart Kanpai سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. كانپاي، «مەن ئادام بىلەن بۈگۈن ئەتىگەن بىر سائەت كۆرۈشتۈم، ئۇ بومبىنى ئۆزىنىڭ قويغانلىقىنى ئىقرار قىلدى» دېگەن ئىدى.
«باڭكوك پوچتا گېزىتى» ساقچىلارنىڭ نىشانى بومبىچىنىڭ ئىزىنى قوغلاش بىلەن بىرگە، «ئىشان» ئىسىملىك يەنە بىر گۇماندارغا بۇرالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلگىرى مىرئەلى يۈسۈپ ئۆزىگە «ئىشان» نىڭ يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
ئۆ ھازىر تايلاند ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 2 ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بىرى، 25 ياشلىق مىرئەلى يۈسۈپ، 1 - سېنتەبىر تايلاند - كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ يىل 28 ياشلىق بىلال مۇھەممەت بولسا 29 - ئاۋغۇست باڭكوك ئەتراپىدىكى تۇرالغۇسىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
بۇ ۋەقە تايلاند ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئەلگە قېچىپ چىققان 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەچكە، بەزى ئاخباراتلار ۋەقەنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش مەسىلىسىگە باغلىغان.
ئەمما دوكتور خەن ليەنچاۋنىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پارتلاشنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا باغلاشقا يېتەرلىك دەلىل يوق، دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «(ئۇيغۇرلارنى) قايتۇرۇش نۇرغۇن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەردى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە نۇرغۇن مەسىلە بار. ئۇ ب د ت نىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن پارتلاش ۋەقەسىنى بىۋاسىتە باغلاشقا ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دەلىل يوق. مەن ئىككى ۋەقەنىڭ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمىدىم. دېلو ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈلۈپ، بىر خۇلاسە چىققاندا ئاندىن بىز ئۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلەلەيمىز.»
لېكىن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇر داۋاسى «تېررورلۇق» بىلەن چېتىلىپ قالسا، بۇ دەۋاغىمۇ زىيان بولىدۇ. چۈنكى، خەلقئارا ئۇنداق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى بەك قوللىمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىپ قالسا، مەسىلەن، ئىستانبۇلدا تايلاند كونسۇلخانىسى ئۇرۇپ - چېقىشلار بۇ تۈركىيەنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان. تايلاندتىكى پارتلىغان بومبىدىنمۇ ئوخشاش مەنە چىقىدۇ. بىر نەچچە خىتاي ئۆلدى، خىتاي تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ. مىسالغا، تۈركىيە چېگرادىن قېچىۋاتقانلارنىڭ ھەممىنى تۇتۇپ سولاۋاتىدۇ، ھازىر. تۈركىيەنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چىڭ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئىككى كۈندە بىر ساقچىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تىزىملىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن بۇنداق ئەھۋاللار يوقتى.»
تايلاند ساقچىلىرى ئىلگىرى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئاچقۇچلۇق گۇماندارلارنىڭ بىرى، «ئىشان» نىڭ پارتلاش ۋەقەسىدىن بىر كۈن بۇرۇن بېنگالغا كىرىپ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، يەنە بىر ئىسمى ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار دەپ ئېلان قىلىنغان گۇماندارنىڭ راست، تۈركىيەگە كەتكەنلىكى جەزىملەشمىگەن ئىدى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ئەلچىخانىدا ھېچكىم تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
0:00 / 0:00