باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00


د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 16 - ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ مىللەت ۋەكىللىرى ئارا سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىپ، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە جەلپ قىلىنغان.

باۋارىيە پارلامېنتى 16 - ئىيۇن كۈنى باۋارىيىدە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر سورۇنغا جەم قىلىپ، مىللەتلەر ئارا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ۋەكىللەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت ھازىرلىغان بولۇپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 300 دىن ئارتۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتارىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ 16 - ئىيۇن كۈنى يىغىندىن كېيىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باۋارىيە پارلامېنتى رەئىسى باربارا خانىم پارلامېنتقا ۋەكالىتەن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت، پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم مىللەت ۋەكىللىرى، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ يىغىن ھەم زىياپەتكە قاتناشقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە ئۇ پارلامېنت رەئىسى باربارا خانىم ۋە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە بولغان. يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋاقتىدا بولسا، ئەسقەرجان ئەپەندى باۋارىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەتلەر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ھازىرغىچە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا زۇلھايات ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن رىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇر قىزىنى زىيارەت قىلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يىغىندا تەكرار ئوتتۇرىغا چىقىپ دىققەت چېكىشىگە سەۋەب بولغان. ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە زىياپەت جەريانىدا باۋارىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان.