قازاقىستان بايقوڭۇر مەسىلىسىدە ئۆز تەلەپلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.04.25
bayqongur-305.png بايقوڭۇر ۋادىسى
Public Domain

قازاقىستاندىكى بايقوڭۇر سىناق مەيدانىنى رۇسىيەگە ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆز تەلەپلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىۋان سافرونوفنىڭ «شەرقىيگە قول يەتكۈزۈش. رۇسىيە ۋە قازاقىستان ئۈچۈن بايقوڭۇر دېگەن نېمە؟» ناملىق ماقالىسىدە مۇلاھىزە قىلىنغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشى بايقوڭۇردا راكېتا تېخنىكىسىنى سىناش مەقسىتىدە ئىلمىي تەتقىقات سىناق مەيدانىنى قۇرۇش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان ئىدى. بايقوڭۇر «باي ۋادا» دېگەن مەنادا بولۇپ، بۇ رايون قازاقىستاننىڭ قىزىلوردا ئوبلاستىغا جايلاشقان. بايقوڭۇر كوسمودرومىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6717 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بىرىنچى چوڭ كوسمودروم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2050 - يىلغىچە رۇسىيە تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان. مەزكۇر كائىنات مەركىزىنى ئىشلىتىشكە رۇسىيە 5 مىليارد رۇبلى، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە فېدېرال خىراجىتىدىن قوشۇمچە 1،16 مىليارد رۇبلى ئاجرىتىپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن كوسمودروم ھەم بايقوڭۇر شەھىرىگە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 6،16 مىليارد رۇبلى پۇل تەقسىم قىلىدۇ.

1957 - يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا بۇ يەردىن دەسلەپكى سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرۇلدى. 1960 - يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا بولسا، بۇ يەردە سەييارىلار ئارا بالىلىستىكا راكېتىسىنى سىناش پەيتىدە ئوت كېتىش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 76 ئادەم قۇربان بولغان. 1961 - يىلى 12 - ئاپرىلدا مۇشۇ يەردىن بىرىنچى ئادەم، يەنى يۇرىي گاگارىن كوسموسقا ئۇچقان. 50 يىلنىڭ ئىچىدە 1500دىن ئوشۇق كائىنات ئاپپاراتى، 100 دىن ئوشۇق سەييارىلار ئارا بالىلىستىكا راكېتىلىرى ئۇچۇرۇلغان، 38 ئاساسىي راكېتا تۈرلىرى، 80 دىن ئوشۇق كائىنات ئاپپاراتلىرى سىناقتىن ئۆتكەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بايقوڭۇر ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىغان بولۇپ، كۆپلىگەن مۇتەخەسسسىلەر كېتىپ قالغان. مەزكۇر كوسمودرومنى ئىشلىتىش قازاقىستانغا خىراجەت تەرىپىدىن ئېغىر چۈشكەنلىكتىن، 1994 - يىلدىن باشلاپ ئۇ رۇسىيەگە ئىجارىگە بېرىلدى. 2004 - يىلى رۇسىيە ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتلىرى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېفلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ، 2050 - يىلغىچە يىلىغا 115 مىليون دوللار مىقدارىدا ئىجارە پۇلى تۆلىنىدىغان بولدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا بايقوڭۇر كوسمودرومى مەسىلىسىدە بىر قاتار كېلىشمەسلىكلەر يۈز بەردى. شۇلارنىڭ بىرى، قازاقىستان كوسموس ئاگېنتلىقى باشلىقى تالغات مۇسابايېفنىڭ ئىجارە مەسىلىسىنى قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە ئۆتكەنكى يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا قىلغان تەكلىپى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى مەملىكەت تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنلىرى شۇۋالوف ۋە كېلىمبېتوفلار يېقىندا ئۇچرىشىپ، ئىلگەركى ئىجارە كېلىشىمىنى كۈچىدە قالدۇرۇش ھەققىدە كېلىشتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستان رۇسىيەدىن 2013 - يىلى راكېتىلارنى ئۇچۇرۇش سانىنى 17 دىن 12 گە قىسقارتىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭغا رۇسىيە ھازىرچە كېلىشمەيۋاتىدۇ. رۇسكوسموس باشلىقى ۋلادىمىر پوپوۋكىننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر رۇسىيە شەرقىي دەپ ئاتالغان شەخسىي كوسمودرومىنى سېلىۋاتماقتا. ھازىرچە رۇسىيەگە قازاقىستان قويۇۋاتقان تەلەپلەرگە بېقىنىشتىن باشقا ئامالنىڭ قالمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بايقوڭۇرنىڭ رەسمىي تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 - ئاپرىلدا بايقوڭۇردا ئۆتكەن «رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھەمكارلىقى: يېڭى باسقۇچ» تېمىسىدىكى ئىلمىي، ئەمەلىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بايقوڭۇر سىناق مەيدانىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى، رۇسىيە، قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى، ئىقتىسادچىلىرى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى كائىنات ساھەسىدا ھەمكارلىشىشنىڭ ھەر ئىككىلا مەملىكەت ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.