خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رادىئو پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر رادىئو پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلارغا تۇتۇلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ مەقسىتى مۇلاھىزە قىلىنغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ب ب س رادىئوسى 19-ئىيۇل كۈنىدىكى «ئىقتىسادقا ئالاقىدار ئىشلار» ماۋزۇلۇق سەھىپىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەزكۇر پروگرامما ئۈچۈن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ ئۇ يەردىكى «تىرىك يېتىم» لارغا ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە كەڭ كۆلەملىك خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە شۇنداقلا «سودا چەمبىرىكى» ژۇرنىلىنىڭ ئىقتىساد مۇخبىرى لىنېت لوپەز قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنغان.
رادىئو پروگرامما رىياسەتچىسى سۆزىنى باشلاپ: «بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، قانۇنسىز ھالدا ئاتالمىش بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن باشلىماقچى. بەلكىم بۇ سۆزلەر سىلەرگە تونۇش كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئامېرىكا چۈشى ئۈچۈن كېلىپ ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرۈۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ خەۋىرى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ غەربىدىكى ‹شىنجاڭ› رايونىدىن كەلگەن خەۋەر. بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بارغانسېرى زورىيىپ بېرىۋاتقان زالىملارچە دۆلەت بېسىمىغا ئۇچرىماقتا» دېدى. ئاندىن ئۇ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» مۇخبىرى ئەمىلى فېڭغا سۆز بېرىپ ئۇنىڭدىن «ئۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» دەپ سورىدى.
ئەمىلى فېڭ خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ھازىر بىر مىليونغا يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقتىن، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بالىلىرىغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىشتا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىزدەنگەنلىكىنى ۋە ئاخىرى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ بالىلارنىڭ يىغىۋېلىنىپ «بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان شەكلى ئۆزگەرگەن يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغانلىقىنى ياكى ئەسلى بار بولغان يېتىمخانىلارنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندىن پروگرامما رىياسەتچىسى بۇ بالىلار كېيىن ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئەمىلى فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ھازىرغىچە بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ لاگېرلار قانۇننىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ يەرگە قامالغانلارغا قانۇنىي بىر سوت تەرتىپى ئىجرا قىلىنمىغىنىدەك، ئۇلارنىڭ قاچان قايتىپ چىقىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس» دېدى.
ئارقىدىن پروگرامما رىياسەتچىسى سۆزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىگە بەردى. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر سىياسەتلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، مىللىي كىملىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيە مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئەسلىدە بىر تۈرمە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ مەجبۇرلاش ۋە قىيناش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن پروگرامما رىياسەتچىسى ئۆمەر ئەپەندىدىن: «خىتاي ھۆكۈمىتى سىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بۇ لاگېرلارنىڭ ھەتتا مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ئاتاۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۆمەر ئەپەندى بۇنى رەت قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزى چەتئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىنىپ بولغان. رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلار قانداقتۇر تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ياكى رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ئۇرۇشتۇر. ئۇلار خەلققە، دىنىمىزغا، كىملىكىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
پروگرامما رىياسەتچىسى يەنە ئەمىلى فېڭدىن «ئۇيغۇرلار خەلقئارانىڭ قانچىلىك قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئەمىلى فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەنچە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى قانۇن تۈزگۈچىلەر ئالدىغا قويۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور خىزمەتلەرنى قىلدى. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ تېما خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر بولغانلىقتىن، ھەر قېتىم دىپلوماتلار بۇ مەسىلىنى خىتاي تەرەپكە دېگىنىدە، ئۇلار بىر بولسا تېمىنى بىراقلا يۆتكىۋېتىدىكەن ياكى پۈتۈنلەي رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىدىكەن. بەزى دىپلوماتلاردىن ئاڭلىشىمچە خىتاي تەرەپكە لاگېر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇلار دەرھال بۇنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىر تەربىيىلەش ئورنى، ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ھەرخىل ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، دەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن دىپلوماتلار ھەرقانچە قىلىپمۇ خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ مەسىلىدە بىر دىئالوگ باشلىيالمايدىكەن» دېدى.
ئارقىدىن پروگرامما رىياسەتچىسى سۆھبەتكە «سودا چەمبىرىكى» ژۇرنىلىنىڭ ئىقتىساد مۇخبىرى لىنېت لوپەزنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئىقتىساد جەھەتتىن تۇرۇپ بىر مەنە بېرىشقا بولۇپ-بولمايدىغانلىقىنى يەنى خىتاينىڭ رايوندا بۇنداق قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنىڭ ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى دېگەندەكلەر بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلىغىنى سورايدۇ. لىنېت خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىغانسېرى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە قاراتقان قامالىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ قامالنى قاتتىق كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادى يۈزلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمىلى خانىم بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىدىكى مول يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە يېقىن بولۇشىدەك جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. شىنجاڭ مانا بۇلارنىڭ دەل ئوتتۇرىدا. شۇڭا خىتاي بۇ رايوننى پۈتۈنلەي تاقاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز پىلانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
ئارقىدىن، پروگرامما رىياسەتچىسى يەنە لىنېت خانىمدىن ھازىر ئامېرىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئىچىدىكىلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىدىكى مەيدانىنىڭ نېمىلىكىنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق سودىدا تۇتۇشۇش نىيىتى بار-يوقلىغىنى سورىدى. لىنېت خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن: «ھازىر پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ ئىنتايىن قەتئىيلىكىنى، پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ سىتىۋ بەننېن قاتارلىق يېقىن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ رۇسىيە ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس. ئەسلى تەھدىت دېگەن خىتاي، دەپ قارايدىغانلىقى، شۇڭا ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ئورتاق ھالدا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا يېقىنقى سودا سۈركىلىشلىرىدىن كېيىن يەنى ھازىر خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن بەزى ئاستىلاشلارنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلغانلىقى» نى ئېيتتى ۋە: «ترامپ ھۆكۈمىتى سودا ئۇرۇشىنى ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى دەپ قارىماقتا. ئۇلار ئىقتىسادتا ھەممە كىشىگە ئورتاق مەنپەئەت بار دېگەنگە ئىشەنمەيدۇ. قىسقىسى، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇتتۇرغىنىنى كۆرمەكچى» دېدى.