BBC تېلېۋىزىيەسىدە «جازا لاگېرى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

30-ئاۋغۇست كۈنى «برىتانىيە رادىيو شىركىتى» (BBC) نىڭ قارمىقىدىكى «خەۋەر كېچىسى» پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەپ تارقىتىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلەر دۇنيادىكى، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدىكى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرۈلدى.

تونۇلغان مۇخبىر جون سىۋىنىي ئىشلىگەن مەزكۇر پروگرامما مۇنداق باشلىنىدۇ: «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا كۆپلىگەن ئىسپاتلار ھازىر توپلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئالۋاستىدەك جىنايى ئىشلار سادىر قىلىنىۋاتىدۇ. بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا سولاندى. بۇ رەسىملەرنى مۇتەخەسسىسلەر تاپقان ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ئىسپاتلىغان».

مەزكۇر پروگراممىدا BBC ئاگېنتلىقىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى جون سىۋىنىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردا يېتىپ چىققان ئىككى بالا بىلەن لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ لاگېردا ۋە تۈرمىدە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۈرەتلەپ بەرگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان بۇ سىياسىتىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

BBC ئاگېنتلىقى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىدا خەۋەر ئىشلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى خەۋەر بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئىشلەنگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» نى تاقىۋېتىشى توغرىسىدا قارار ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، مەركىزى ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا جايلاشقان BBC تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر پروگراممىسى ئىشلەپ تارقىتىشقا باشلىغان. تونۇلغان مۇخبىر جون سىۋىنىي ئەپەندى ئىشلىگەن «News Night» يەنى «خەۋەر كېچىسى» ماۋزۇلۇق پروگرامما كىشىلەر ئەڭ كۆپ تېلېۋىزىيە كۆرىدىغان سائەت بولغان ئاخشام 10 يېرىمدا تارقىتىلغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئەسلىدە بىر قانچە كۈن ئاۋۋال بۇ پروگراممىنى تارقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن، BBC مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتەلمىگەن بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىنى توسۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ كېچىكتۈرۈپ تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

BBC تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان پروگراممىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى نامى ئاستىدىكى «جازا لاگېرلىرى» بايان قىلىنغاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

بىز مەزكۇر پروگرامما توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى» نى بايان قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ خىل خەۋەر ۋە پروگراممىلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش بولۇپلا قالماستىن، خىتاي سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ خىل پروگراممىلاردا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

جون سىۋىنىي دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈرمىنى بار بولغان «پاناروما» پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ، مەزكۇر پروگراممىدا دۇنيادىكى تەسىرلىك كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكلىرى پاش قىلىنىدىكەن.