د ئۇ ق 16 - سىنتەبىر ب د ت ئالدىدا ئېلىپ بارىدىغان نامايىش ئۈچۈن جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.29
duq-bdt-namayish-2016.jpg د ئۇ ق نىڭ 16 - سىنتەبىر ب د ت ئالدىدا ئېلىپ بارىدىغان نامايىش ئۈچۈن جىددىي چاقىرىقى
RFA/Ekrem


د ئۇ ق 33 - نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 16 - سىنتەبىر ب د ت ئالدىدا تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق بىرلەشمە زور نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 13 - سىنتەبىردىن 30 - سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 33 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. د ئۇ ق ۋەكىلىمۇ يىغىندا پىكىر بايان قىلىدىكەن.

د ئۇ ق تورى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 28 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى» دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 53 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ. خىتاي ب د ت دىكى بۇ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلغۇچى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك ئورنىنى بىكار قىلىشتەك سۈيىقەستلىرىنى جىددىليەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان. ھەر يىلقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. د ئۇ ق ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ سۈيىقەست ۋە تەھدىتلىرىنى يوقىتىش، نۆۋەتتىكى تەخىرسىز تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

28 - ئاۋغۇست كۈنى «د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى» ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باش شىتابىدا جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەنىۋەرجان، ئەسقەرجان ۋە ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى. يىغىندا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى ھەل قىلىش، ياۋرۇپا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى مۇمكىن قەدەر كۆپرەك سەپەرۋەر قىلىپ، نامايىشنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 16 - سىنتەبىر ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ نامايىشنىڭ مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ياۋرۇپا مىقياسىدىن ئاز دېگەندە بىرقانچە يۈز ئۇيغۇرنى نامايىشقا ئىشتىراك قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، تىبەتلەردىن بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ نامايىشقا قېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق 28 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان چاقىرىقتا «خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنىي، مىللىي كىملىكلىرىگە شەرمەندىلەرچە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل يولغا قويغان " تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ۋە " چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى" ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتە مىللىي مۇجادىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا بولغان زىيانكەشلىكلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە» دېيىلگەن.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015 - يىلى 27 - دېكابىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 2016 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان. ئالدىنقى ھەپتىلەر يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرىلدا يەنە «چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويغان ئىدى. بۇ قانۇن ۋە چارىلەرگە خەلقئارا جامائەت تۈرلۈك باھالارنى بەرگەن، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ قانۇن، چارىلەر پەيدا قىلغۇسى ئاقىۋەتكە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ھەم مەزكۇر قانۇن، چارىلەرنىڭ مۇجىمەللىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

د ئۇ ق خىتاينىڭ ب د ت غا قەدەر قول سوزۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىر قانچە مىڭ كىشىلىك خەلقئارالىق بىرلەشمە زور نامايىش تەشكىللەشنى قارار قىلغان. نامايىشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، تۈرك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن.

«د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يىل 13 - سىنتەبىردىن 30 - سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مىللىي دەۋايىمىزنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى. 2017 - يىلى مارت ئايلىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاينى بۇ سايلامدا مەغلۇپ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ب د ت دا قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك غەلىبىسى بولىدۇ.»

28 - ئاۋغۇست قۇرۇلتاي ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىددىي يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى قوللاپ كۆرسەتكەن ماددىي ۋە مەنىۋىي پىداكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.

«د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى» دا 16 - سىنتەبىر ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ قېتىمقى نامايىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇش پۇرسىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقى، غۇرۇرى، ئىمانى، ۋىجدانى بىلەن بۇ چاقىرىققا بىر ئۈلۈش ئاۋاز قوشسىڭىز، خارلىق ئىچىدە پەريات چېكىۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن سىزگە رەھمەتلەر ئېيتىمىز» دېيىلگەن ئىدى. چاقىرىقتا يەنە «ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان دەل شۇ دەقىقىلەرگە توغرىلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى مىللەتنىڭ قايغۇسىغا شېرىك بولۇشنى، ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز. نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشقا ئىمكانى يار بەرمىگەنلەرنىڭ ماددىي تەرەپلەردىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

د ئۇ ق بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە يەنە مەخسۇس لوگو ھازىرلاپ، ئۇنى تور بەتلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان. تۈرك مىللىيەتچى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.