3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاياغلاشقان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى خىتاي تۈزۈمىگە قارشى ئورتاق بىر كۈچ سۈپىتىدە ھەمكارلىشىش قارارى ماقۇللانغان ئىدى.
19-مارت كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بېشكەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەزكۇر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقى سۆز قىلىپ، مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
