بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى

0:00 / 0:00

21 - مارت كۈنى نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدىكىگە ئوخشاش، مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

شۇ جۈملىدىن بېشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ پاپرۇپكا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نورۇز بايرىمى ئەدەبىيات، سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈلدى.

قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.