30 - ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم توغرىسىدا 31 - ئاۋغۇستىن باشلاپ ياپونىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرى تۈرلۈك خەۋەرلەرنى تارقاتتى.
«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بېيجىڭ ۋە رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى 31 - ئاۋغۇست مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلغان«سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا خىتاي ئەلچىخانىسى نىشانغا ئېلىندى» ناملىق خەۋىرىدە:«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قوشنا بولغان قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىدىكى ئىنتېرنېت تورى ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىۋەتتى» دېيىلگەن.
خەۋەردە:«قىرغىزىستان دائىرىلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا خىتاي ئەلچىخانىسىنى قوغداشنىڭ ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى»دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،«ئاساھى شىمبۇن»گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي دىپلومات ھازىرچە بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغىدەك ھېچقانداق تولۇق ئىسپاتلىق ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ ئۇنىڭدا:«قىرغىزىستانغا قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ناھايىتى قەبىھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. بىراق، نامايىشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئۇيغۇرلار خىتايلار تەرىپىدىن قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەت. بېيجىڭ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقتىن يېقىندىن بۇيان بۇ رايوندا بىرەر ۋەقە كۆرۈلمىدى» دېگەن.
خەۋەردە:«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ قىرغىزىستانغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى. بىراق، بۇ يىل 4 - ئايدا قازاقىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەگەر، ئوتتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىدىغان بولسا خىتاينىڭ "بىر بەلۋاغ بىر يول "سىياسىتى بەلكىم ئۆز ئىزىدىلا توختاپ قىلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بولسا:«2002 - يىلى 6 - ئايدىمۇ بىشكەكتە بىر خىتاي دىپلوماتى ئىككى نەپەر قىرغىزىستانلىق تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بەلگىلىك ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان» دېيىلگەن.
خىتايدا چىقىدىغان ئېنگلىز تىلىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31 - ئاۋغۇستىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھازىرغىچە چەتئەلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا:«1999 - يىلى 5 - ماي كۈنى بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان. 2009 - يىلى 6 - ئىيۇن مىيۇنخىندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى گۇمانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن بېنزىنلىق بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا، 2011 - يىلى 15 - دېكابىردا لوس ئانجىلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى دىپلوماتى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتاي تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇمغا، 2014 - يىلى1 - يانۋار سانفىرانسىسكودىكى خىتاي كونسۇلخانا دىپلوماتى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتاينىڭ ئوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 2015 - يىلى سومالىيدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ۋەقەسىدە بىر خىتاي ساقچى ئوفېتىسىرى ئۆلۈپ، ئۈچ نەپەر ئەلچىخانا خادىمى يارىلانغان» دېيىلگەن.
ئېنگلىز تىلىدىكى «يەر شارى ۋاقىت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بۇ يەردە يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق خىتاي دىپلوماتلىرىغا قارىتىلغان ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ:« 2002 - يىلى خىتاي دىپلوماتى ۋاڭ جىيەنپىڭ ئاپتوموبىلى ئىچىدە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1995 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سابىق باش ئەلچى ياۋ پېيشىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىشەكتە بۇ قېتىمقى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن خىتاي، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېي «يەر شارى ۋاقىت» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ قېتىمقى ۋەقە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تارماق تەشكىلاتى بولغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراتقان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمى» دېگەن.
خىتاي تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېي سۆزىدە يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە قىرغىزىستاننىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قىرغىزىستاندا قىرغىزىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە جۇندال ھىلافە قاتارلىق يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە ئەلقائىدە ۋە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«يومىئۇرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا :«شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەم يارىلانغانلىقىنى ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ۋەقەنى ئەيىبلەپ خىتاي دۆلىتىنى تېررورنىڭ قۇربانى دەپ تەرىپلەپ، بۇ رايوندا ۋە خىتايدا تېررورلۇققا قارشى قاتتىق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بەرگەنلىكى» نى كۆرسەتكەن.
«نىپپون كېزاي» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە:«رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمدىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنى بۇ رايوندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشكە چاقىرغان» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە يەنە:«خاڭجۇدا ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغداش خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى پۇختا ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يىغىننىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا بولغان ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئاخىرىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00