بىلگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


10 - يانۋار بېلگىيەنىڭ بريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا بىلگىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىستان ياشلىرى، بىلگىيەدىكى تۈران ئوچاقلىرى جەمئىيىتى، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە بىلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەزەربەيجان ياشلىرى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.

گەرچە ھاۋا سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالغان زۇلمەتلىك سىياسىتى ۋە قانلىق باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولغان ۋەتەنداشلار جاراڭلىق شۇئارلىرى بىلەن ئەتراپنى زىل - زىلگە سالدى.

كىملىكى نامەلۇم كامىراچى خىتايلار بارلىق نامايىىش ئەھلىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنى چېكىندۈرەلمىدى. ئەكسىچە شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن، تۆتكىچە داۋام قىلغان بۇ نامايىىش باشتىن - ئاخىرى جانلىق بىر كەيپىياتتا داۋام قىلدى.

نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە، داشچە ۋە فرانسۇزچە توۋلانغان شۇئارلىرىدا، ئوقۇلغان باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى قەھرى - غەزىپى ئەكس ئەتتى. ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ئارىسىدا تۈركىي قېرىنداشلارنىڭ بايراقلىرىمۇ بىرگە لەپىلدەپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىلگىيەدە ياشاۋاتقان پىشقەدەملەردىن قۇربان ئاكا ئۆز ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ: «خەلقىمىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا! بىز ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتايلارغا بوزەك بولمايمىز. بىزمۇ ئاتا - بوۋىمىزغا ئوخشاش كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئازاد - ھۆر ۋەتىنىدە ياشايدۇ - ئىنشائاللاھ! دەپ ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سادىقجان سەلەي ئەپەندى بۇ نامايىىشقا قاتنىشىشتىكى سەۋەب - مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھېچقانداق بىر زۇلۇمنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلاردىن بىلگىيە تۈرك ئوچاقلىرى باشلىقى ئەۋرەن ئايرىن ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى پائالىيەتكە كېلىشتىكى مەقسىتىنى بايان قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالغاندىن بېرى، قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردە ھەم ئاسسىمىلىياتسىيىگە ھەم قىرغىنچىلىققا دۇچار بولماقتا. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىستەيمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان، قاراباغ، كەركۆك، موسسۇل ۋە تەبرىز ئازاد بولغۇچە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەمدە بولۇشقا تەييارمىز» دېدى. ئۇ يەنە، ھازىر تايلاندتا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنىڭ ساھىپ چېقىشىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۈچ مىليۇن سۈرىيەلىك، 10مىليۇن خائىن ۋە مىڭلارچە ئەرمەنىيلىكلەر ياشىيالاۋاتقان بۇ تۇپراقلىرىمىزدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يەر يوق؟» دېدى.

پائالىيەتتە يەنە، ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغانلىقى؛ مىللىي ۋە دىنىي خاسلىقىغا ئىنتىلگەن ياشلار تۈرلۈك ناملار بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى؛ ئادالەتسىز سوتلاردا ئېغىر جازالارغا دۇچار بولۇپ خارلانغانلىقى ۋە چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپمۇ دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق تېراگىدىيىلىرى ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىتايلارغا بىر مەكتۈب سۇنۇلدى.

بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: مەزكۇر مەكتۇبتا «ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش توختىتىلسۇن. سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن. خىتايلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن. ئەركىنلىكىمىزنى بەرسۇن. ئۇيغۇر خەلقى بىلەن دىئالۇگ قۇرۇپ، يۈز بېرىۋاتقان قانلىق پاجىئەلەرنى توختاتسۇن» دېگەندەك مەزمۇنلار يەر ئالغان.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مەشرەپ پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان پائالىيەت ئەھلى خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىشتى.