14- ۋە 15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. يىغىنغا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق 28 دۆلەت رەھبىرى قاتنىشىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك زور پىلان دەپ قارىلىۋاتقان بۇ «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» ھەققىدە قانداق مۇلاھىزىلەرنى قىلماقتا؟
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان، خەلقئارا «بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» غا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. ئۇ، بۇ يىغىننى بۇ يىل 1- ئايدا شىۋېتسارىيىنىڭ داۋۇستا چاقىرىلغان ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا جاكارلاپ، خىتاينى يەرشارىلىشىشنىڭ غەلىبىلىك ئۈلگىسى ۋە شۇنداقلا ئەركىن ئىقتىسادنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، « بىر يول، بىر بەلۋاغ مۇنبىرى» نى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوبرازىنى تىكلەيدىغان، خىتاينىڭ يەر شارىۋىي لىدىرلىك ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تۇنجى قەدىمى، دەپ قارىماقتا. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر يەنە، بۇنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆز ئىچىگە بېكىنىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دۇنيا سەھنىسىدىن چېكىنىۋتقان مەزگىلدە خىتاينىڭ بۇ بوشىتىلغان ئورۇننى ئىگىلەش تىرىشچانلىقى، دەپ باھالىدى. بۈگۈن، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئاپتور سىمون دېنيېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ ئاپتور بۇ خىل كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان : «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 1-ئايدا «تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى تەشكىلاتى TPP » دىن چېكىنىپ چىققاندا، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئۇنى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى يېتەكچى ئىقتىسادىي كۈچ بولۇشتەك رولىنى قولدىن بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكياننىڭ مەركىزىدە بىر بوشلۇق پەيدا قىلدى، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. يەكشەنبە كۈنى خىتاي مانا بۇ بوشلۇقنى ئۆزىنىڭ قانداق تولدۇرىدىغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ قويماقچى.»
بۇ يىغىنغا رۇسىيە، تۈركىيە ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، بېرما، فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىۋاستە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن پەقەتلا ئىتالىيە باش مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بولسا يىغىنغا پەقەت بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىمۇ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ : «مەنچە، بۇ يىغىن بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتايمۇ بۇ پىلانىغا بىر يېرىم تىرىلليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ جىددىيلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي، پۇتىن ۋە ئەردوغان قاتارلىق مۇھىم لىدىرلەرنىمۇ بۇ پىلاندا يېنىغا ئالدى. ئەمما ئامېرىكا بولسا، بۇ يىغىنغا مەت پوتتېنگېر ئىسىملىك بىر ۋەكىلنى يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىلەر بىلەن ئالاقىسىمۇ بولمىغان بىر كىشىنى ئەۋەتمەكچى. مەنچە بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئامېرىكا بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئارقىلىق بەزى نۇقتىلاردا ئۇتىدۇ بەزى نۇقتىلاردا ئوتتۇرىدۇ» دېدى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ خىتاي ئۈچۈن ۋە شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى بەلگىلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشى، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قىزىقماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە، بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىغا مۇشۇ پىلان ئارقىلىق نەپ ئېلىشقا قىزىقىۋاتقان، مەبلەغكە ئېھتىياجى بولغان دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنداق مەبلەغ ۋە تېخنىكىغا بەك ئېھتىياجى بولمىغانلىقتىن ھەم شۇنداقلا بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئاشىدىغان - ئاشمايدىغانلىقىغا نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارىغانلىقتىن ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىكى ماقالىدە، ئاپتور سىمون دېنيېر، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتى جىددىي بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىنتايىن قېيىن بىر پىلانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان بۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى قارمىقىدىكى 50 مىليارد دوللارلىق ئىش پىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان پورت، ئۆزىنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى بولغان پاكىستان بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن خوش ئەمەس ئىكەن. ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر بولسا، بۇ پىلان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىلاردا تەڭسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەمۇ بۇ پىلاندا ئورۇن ئالغاندەك قىلغان بىلەن، ئۇمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ زورىيىشىنى خالىمايدىكەن. ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەتتىيۋ گۇدمان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا يەنە «خىتاينىڭ ئۆزىدىلا بۇنىڭغا نۇرغۇن رىقابەتلەر مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇلۇپ ئاساسىي قۇرۇلۇش تىجارىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن قېيىن بىر ئىش. جۇغراپىيىلىك ۋە يەر زېمىن ھوقۇقلىرى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ھەممىسى بۇنى ئەمەلگە ئېشىشىنى قېيىنلاشتۇرىدىغان ئامىللاردۇر» دېگەن.
درۇ گلەدنېي ئەپەندى بولسا، يۇقىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ بەكرەك دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىسىنىڭ بۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى ئىچىگە كىرىدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلققە قانچىلىك نەپ بېرىدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «بۇنداق پىلانلاردا ئادەتتە يەرلىك خەلقلەرگە بىر نەپ تېگىپ باقمىغان. مەسىلەن، بۇ پىلان دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2013- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنغان مەبلەغ ئەكسىچە ئازىيىپ ماڭغان. يەنى ئۇيغۇر ئېلىغا بۇ يىل سېلىنغان مەبلەغ 2013- يىلىدىكى 5 مىليارد دوللاردىن 3 يېرىم مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا خىتاي گەرچە ھەممە دۆلەتلەرنى بۇ پىلانغا قاتنىشىڭلار دەپ قىزىقتۇرسىمۇ ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇنىڭغا قىزىقىپ پىلانغا قاتناشقان بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي پايدىسى قانچىلىك، دېگەن مەسىلە بار. چۈنكى، خىتاينىڭ مەبلەغ سالغان جايىغا ئۆزىنىڭ ئىشچىلىرىنى ئاپىرىدىغان تارىخى بار. بۇ خىتاينىڭ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىدە كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان. خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئىش ئىمكانى يارىتىشقىمۇ پايدىسى بولمىغان. شۇڭا بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى قارمىقىدىكى تۆمۈر يول ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنداقلا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قانچىلىك نەپ بېرىدىغانلىقى مەجھۇل» دېدى.
بىراق، كۆزەتكۈچىلەر ھەممىسى دېگۈدەك، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ ئىنتايىن قەتئىيلىكى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا دەل مەيداننى بوشىتىپ بەرگەن بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى لىدىرلىق ئورنىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىدا ئورتاقلاشماقتا. بۇ ھەقتە فىرانسىيە ئاگېنلىقى، مالىيە ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە مانا بۇ بىر نۇقتا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ، بۇ پىلانغا ئەگەر ئامېرىكا قاراپ تۇرغان تەقدىردە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى خەۋپكە ئاتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىكى ماقالىدە، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچى مەتتىيۋ گۇدمان ئەسكەرتىپ « بۇ، بىز ئۈچۈن ئەڭ زور رىقابەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئەگەر «تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى تەشكىلاتى TPP » ئارقىلىق بولمىسا، باشقا يوللار ئارقىلىق بولسىمۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئامېرىكىنىڭ رايوندا زور ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي مەنپەئەتى بار. بىزنىڭ دەرھال بىر ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىگە ئېھتىياجىمىز بار» دەپ ئەسكەرتكەن.