بىشكەكتە پېشقەدەم مائارىپچى ئۆمەر ئىبراھىموفنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى خاتىرىلەندى

22-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئۆمەر ئىبراھىموفنىڭ 80 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە ئىلمىي ئەمگىكىگە باھا بېرىلدى.

0:00 / 0:00

ئۆمەر ئىبراھىموف پېشقەدەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغاندىن باشقا، ئۈچ توملۇق ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ چىققان بولۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.