17-ئۆكتەبىردە بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبىلەيىسى ۋە قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلار: ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كېلەچىكى» تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەزكۇر يىغىنغا ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئالىملىرى قاتناشتى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقان «ئىتتىپاق» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مېھمانلارنى تەبرىكلەپ، يىغىننىڭ مەقسەت ۋە ۋەزىپىلىرىنى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى. يىغىننىڭ كىرىش قىسمىدا سۆزگە چىققان قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبىلەيىسىنىڭ رەئىسى، ئاكادېمىك بېكتېمىر مۇرزۇبرائىموف، قىرغىزىستان يۇقىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنتاي سالىموف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئىدارىسىنىڭ ئېتنىكىلىق، دىنىي سىياسەت ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى بىلەن ئۆز-ئارا ھەرىكەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىرا قارىبايېۋا، قىرغىزىستان يەرلىك ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ۋە ئېتنىكلار ئارا مۇناسىۋەتلەر دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ مۇدىرى ناكېن قاسىيېف، تۈركىيە ۋەكىلى فېرىدۇن تېرمىزى، گېرمانىيە ۋەكىلى ئۇلرىخ دېلىئۇس ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخ ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى، بۇنى جارى قىلىشتا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇتۇقلار تىلىدى.
ئۆزبېكىستانلىق ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئامانبېك جەلىلوف مۇنداق دېدى:
-بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولغاندا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئېتنوگرافىيىسى، ئېتنوگېنېزىسى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قويۇلغان مەسىلىلەر ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى. دوكلاتلار، ئەلۋەتتە دەلىللەر، پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغان ئىكەن. مېنىڭ شۇنىڭغا ئىشەنچىم ھاسىل بولدى. بۇ يەردە مەدەنىيەت مەسىلىسى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. ئومۇمەن، تارىخىمىزدا قىرغىزىستاندا، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ياشاش تەرزى، شۇ رېسپۇبلىكىلارنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە قوشۇۋاتقان ھەسسىلىرى، ئىلىم-پەن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىرلەر ئېيتىلدى. ئەلۋەتتە، كېلەچەك ھەققىدىمۇ پىكىرلەر ئېيتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىخىمىزنى، تىلىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىتىپ ھەم شۇنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بىز ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، دېگەن مەسىلىلەر قويۇلدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر. مەيلى ئۇلار قايسى رېسپۇبلىكىدا ياشىمىسۇن، ئۇلار ئۈچۈن مۇشۇ مەدەنىيەت، ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى ساقلىغان ھالدا، ئۇنىڭ مىراسى قىلىپ قالدۇرۇش ئاساسىي مەسىلە قىلىپ قويۇلغان. مەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىنتايىن چوڭ تەسىراتلارنى ئالدىم.
ئا. جەلىلوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بەرگەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
قازاقىستانلىق ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
-بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۇمان ناھايىتى مۇھىم مەدەنىي، ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، دەپ ھېسابلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى. ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى. خۇشال بولغان يېرىم، بىز مىللىي كىملىكىمىزنى، تارىخىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىش مەسىلىسىگە كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ ئەنجۇماننىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئۇ خەلقىمىزدە قانداقتۇر بىر روھىي بىرلىكنى ھاسىل قىلدى. مەن ئويلايمەنكى، ئالىملار بۇ ئىشتىن شەرەپلىك چىقتى. ھەممىسى ياخشى تەييارلىنىپ كېلىپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىلمىي دوكلاتلارنى ھەدىيە قىلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ-چىقىش تارىخى، قىرغىزىستانغا قوشقان تۆھپىسى بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولدى. قىرغىزىستاندىكى بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىر خىل، ئاكتىپ مەۋقەدە ئۆتكەنلىكىگە بىز خۇرسەن بولدۇق. بىزنىڭ قايتىدىن جانلىنىش ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىنىش، ئەسىرلەر بويى توپلانغان مىراسلارغا ئىگە بولۇش ئوخشاش ئىشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جانلىنىشىغا كۆزۈم يېتىدۇ. بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپىسى ھازىر ئەسىرلەر بويى توپلانغان مەدەنىيىتىمىزنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىش ئىشى، ئۇنى قايتىدىن ئۆگىنىش ئىشى تۇرىدۇ. بىز ئۇ مىراسلىرىمىزنى ئۆگەنمەيدىغان بولساق، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىشلىرىدا بىز كېچىكىپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىمىز ئۈستىدە نەچچە قېتىم ئويلىنىپ، قانداق يۆنىلىشتە ئۆگىنىش مەسىلىلىرىنى بىز يەنە مۇھاكىمە قىلمىساق بولمايدۇ.
قىرغىزىستانلىق ئالىم، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەكپەرجان بائۇدۇنوف تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىدى:
-بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، تىلى توغرىسىدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش. دوكلاتلار ناھايىتى ياخشى، جوشقۇنلۇق بىلەن مۇنازىرە قىلىندى. بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ھەممىسى بىر ئېغىزدىن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى يىلدا بىر قېتىم مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ قاتناشقان ئالىملارغا قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە شۇنداقلا «ئىتتىپاق» گېزىتى نامىدىن چوڭ تەشەككۈر ئېيتىمەن.