بىشكەكتە ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2013.12.11
nato-afghanistan.jpg 2001-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن تارىخى دىئاگراممىسى. 2012-يىلى 2-ماي.
AFP

2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق كۈچلەر ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان خەلقئارالىق يىغىن يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ب د ت باش كاتىپىنىڭ ۋەكىلى مىراسلاۋ ئىنچا، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي باردىيۇژا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە 50 كە يېقىن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى قاتناشتى.

قىرغىزىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقان مامىتوۋ 2014-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: ئافغانىستان مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانى تىنچسىزلاندۇرۇۋاتىدۇ. بىراق، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە كونكرېت تەدبىرلەر ئىشلىنىپ چىققىنى يوق. بولۇپمۇ 2014-يىلدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىزنى ھەممىدىن بەك ئەنسىرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە بۇ رايوندا كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتلار ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورىزمغا ھەمدە زەھەرلىك بۇيۇملار ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرىنى تەييارلاش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى خاتىرجەم قىلالىغىنى يوق. شۇڭلاشقا بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغا خەۋپسىزلىك چارىلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي باردىيۇژا نۆۋەتتە ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ 30% تىن كۆپرەكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ياۋروپاغا تارقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملار ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا يەنە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھازىرقى ھاكىمىيەت بىلەن تالىبانلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئافغانىستاندىكى زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلىدىغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىن ھەققىدە توختالغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئېمىل قازاقبايىۋ بولسا بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە دېگۈدەك يۈز بېرىۋاتقان پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىشىشنىڭ 2014-يىلى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانى زەھەرلىك چېكىملىكلەر سودىسى بازىرىغا ھەمدە تېررورچىلار بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان داۋالغۇشلارنىڭ رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگىمۇ يېيىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.