ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر توپچىلار: «بىز توپنى ئەمەس، بەلكى زۇلۇمنى تەپتۇق!»

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار 25-دېكابىردىن 28-دېكابىرغىچە ئۈچ كۈن «ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە چېمپىيون بولغان بىر توپچى «بىز بۇ مەيداندا توپلا تەپمىدۇق، بەلكى بىزنى ئەركىن نەپەس ئالغۇزمىغان، يەلكىمىزنى بېسىپ تۇرغان زۇلۇمنى تەپتۇق!» دېدى.

25-دېكابىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى، ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنىڭ ياڭراق ساداسى، پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنىڭ مەردانە قىياپىتى بىلەن جانلاندى. يىلدا بىر قېتىم پۈتۈن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ كېلىۋاتقان «ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 11-قېتىملىقى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

مۇسابىقە ئوخشىمىغان ياشتىكى گۇرۇپپىلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ئەڭ كىچىكى تۆت ياش، چوڭلىرى ئەللىك ياشتىن ئاشقانلار ئىكەن. بۇ يىللىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى قىز پۇتبولچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئىكەن. ئۇلارنىڭ توپ مەيدانىدىكى ماھارىتى كۆرۈرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان. مۇسابىقىگە ئامېرىكادىن كېلىپ تاماشىبىن بولغان زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نەق مەيداندىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىن پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنى باشلاپ مۇسابىقىگە كەلگەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇيغۇرلاردىن يېڭى بىر ئەۋلاد پۇتبول ئەزىمەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىز پۇتبولچىلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىدىن غۇرۇر ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەھىرىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئانا تىلدا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ راۋان چىققان ئۇيغۇرچە تىلى ۋە چۈچۈك ئاۋازى ياڭرىغاندا مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى قاپلىدى.

مۇسابىقىگە ساھىپخانلىق قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا تۇران بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار گۇرۇپپىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە يېمەك-ئىچمەكلەر ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ ئادېلەيد شەھىرىدىكى پىداكار ئاچا-سىڭىللاردىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر گۇرۇپپا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ئىكەن.

«ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە سىدنېي، مېلبورىن، پېرس، ئادېلەيد قاتارلىق تۆت شەھەردىن 300 گە يېقىن ئۇيغۇر ماھىر ۋە تاماشىبىن قاتناشقان. مۇسابىقىدە ئادېلەيد بىرىنچى كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.