31-مارت داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا نۇتۇق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت سورۇنلىرىدىكى ئالاقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ئۆگىتىلدى.
د ئۇ ق تەرىپىدىن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 2-كۈنى، يەنى 31-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇ ن پ ئو تەتقىقاتچىسى نىكولەتتا ئەنرىيا خانىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا «ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى» دېگەن تېمىدا بىر سائەت دەرس ئۆتتى. بۇ دەرستە فېسىبوك، تىۋىتتېر، تور بەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا كەڭ تەشۋىق قىلىشنىڭ كونكرېتنى ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلدى.
سائەت 10:00 دىن باشلاپ نۇتۇق سەنئىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇتەخەسسىس پەمما فوكىس خانىم «ئۈنۈملۈك ئالاقە ئۇسۇللىرى» دېگەن تېمىدا 4 سائەت دەرس سۆزلىدى. بۇ دەرس ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلپ قىلىۋالدى. دەرىستە، جامائەت سورۇنلىرىدا، سىياسىي سەھنىلەردە نۇتۇق سۆزلەشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى چۈشەندۈرۈلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى نەق مەيداندا سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ، نۇتۇق پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنى «سىز بۇ كۇرسقا نېمە مەقسەتتە قاتناشتىڭىز؟ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟» دېگەندەك تېمىلاردا نۇتۇقلار سۆزلىتىپ، ئۇلار ئۆز تالانتلىرىنى جارىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. زال ئىچىدىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
بۇ دەرسكە قاتناشقان بىلگىيەلىك ئۇيغۇر ياشلار ۋەكىللىرىدىن ئەلىھاجى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «مەن شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارادا يەنىمۇ كەڭ تونۇتۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى.
پەمما فوكىس خانىم بۇ دەرس جەريانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئالاقە ۋە نۇتۇق مۇتەخەسسىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، تىبەت مەسىلىسىنى باشقىلارغا تونۇتۇش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى ھەم ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشتا بۇلاردىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

دەرس خاتىمىسىدە، پەمما خانىم ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئېمتىھان ئېلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى 30 سىكونت نۇتۇق سۆزلەتتى. ياشلارنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ نۇتۇق سەنئىتىگە ئۇيغۇن بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى باھالاپ چىقتى. سەھنىلەردە، جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى ئىنچىكە شەرھىيلىدى.
ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ دەرستىن كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇگۇنكى پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا چەتئەلدىكى مىللىي دەۋانىڭ تارىخىنى ئاڭلاتتى ۋە ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلار ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشتى.