تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 2-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرچە، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە بارىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن رايون ھەم خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى قىسقىلا خەۋەر قىلىندى.
تۈركىيە ياكى خىتاي بۇ قېتىمقى تۈركىيە-خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇھاكىمە كۈن تەرتىپلىرى ھەققىدە تېخى تەپسىلىي ئۇچۇر تارقاتمىدى. خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-ئاۋغۇست كۈنى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ۋاڭ يى سۆھبەتتىن كېيىن، بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئەنە شۇ چاغدىلا ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق بۇ زىيارەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ تۈرلۈك پەرەزلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 8-ئاينىڭ 2-، 3-كۈنلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ خەۋەر تۈركىيەنىڭ ساباھ، ھۈررىيەت ۋە ئاخشام گېزىتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.
خىتاي شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇۋانېت تور گېزىتىدە 1-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدىمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ۋاڭ يى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقى يېزىلغان.
سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋە 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر تۈركىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىگە يول ئاچقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر كۈندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇنداقتا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىكى مەقسەت نېمە؟نېمە مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلەرمۇ؟ ھازىر تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلەرمۇ؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇل گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى قۇتاي قاراجا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئەڭ مۇھىمى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
كېيىنكى ئىككى يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توختامنامىسى ئىمزالىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توختامنامىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۈنۈمگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ تېخى ئۆتمىگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىمۇ نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ تېررورچى دەپ ئەيىبلىشى بىلەن تۈركىيە سوتىدا سوتلىنىپ، پاكىت يېتەرسىزلىكىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن قايتا قولغا ئېلىنغان ئىدى. ھازىر تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ نازارەتخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىممۇ ئابدۇقادىر ياپچاننى بېرىڭلار دەپ تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتاي زىيارىتى كىشىلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشقىنىدەك، تۈركىيەگىمۇ مۇشۇنداق بىر تەلىپى بولارمۇ؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا بەزى قانۇنلارغا تايىنىپ تۇرۇپ چەتئەلدىكى ۋەتەنداشلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىمەن دەۋاتىدۇ. مەن 1990-يىلىدىن بېرى خىتاينى تەتقىق قىلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەدىن بۇنداق بىر نەرسىنى تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن. خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى زورلاپ تۈركىيەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ بۇزسا يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زىيىنى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىدىكەن.