15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا بىرلەشمە مەكتۇپ تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يۈزتۇرانە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى، يەنى س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ مەكتۇبىغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى بۇ مەكتۇپنى يېزىشقا كانادانىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، فىرانسىيە، دانىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، ئىستونىيە، فىنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ مەكتۇپ بىۋاسىتە چېن چۈەنگوغا يېزىلغانلىقى، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىگە ئەۋەتىلمەكچى ئىكەن.
بۇ مەكتۇپ خەلقئارادىكى پائالىيەتچىلەر، ئاكادېمىكلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە غەرب ئەللىرى خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاشقا، ئۇنىڭغا قامالغان بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.
س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ ئورنىغا «ئىجابىي رول» ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خۇا چۈنيىڭ «ئۇلار (دىپلوماتلار) نىڭ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئۇلار نېمە ئۈچۈن خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىدىغان بۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل ھەرىكەت ئىنتايىن ئورۇنسىز» دېگەن.
خۇا چۈنيىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ نېمىشقا خىتايغا بېسىم بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۈەنگو بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردا ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن.
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەلچىخانىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يازغان مەكتۇبىنىڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى شۇكى، بۇ خەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە شىنجاڭ دائىرىلىرىگە يېزىلغان. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە. مېنىڭچە، دىپلوماتلار بۇ ئارقىلىق مۇنداق بىر نۇقتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان: يەنى شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىق دەل بۇ كىشىلەردە دېمەكچى بولغان.»
بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى ئەمەس. بۇ دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم 2016-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. سوفىيە رىچاردسوننىڭ تەكىتلىشىچە، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدەك ئورتاق ھەرىكەتنى 2016-يىلى 3-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندا كۆرگەن ئىدۇق. شۇ قېتىمقى ئورتاق خىتابنامىدە كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بىز بۇ قېتىمقى ئورتاق مەكتۇبتىن ئىلھاملاندۇق. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئاۋازىنى بىردەك چىقارسا بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»
مەكتۇپنىڭ چېن چۈەنگوغا ئەۋەتىلگەن ياكى ئەۋەتىلمىگەنلىكى ۋە ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنىدا ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەكتۇپتا «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىگە دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمىز،» دېيىلگەن.
15 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى تېخىچە مەلۇم ئەمەس. ئىسپانىيەلىك سابىق دىپلومات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جۇئان مەنۇئېل نادال لاپازنىڭ قارىشىچە، بۇ تەلەپنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن خۇشال بولدۇم. بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئىسپانىيەنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، ئەمما خەلقئارا جامائەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى مېنى خۇشال قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەكتۇپ يېزىشى ياخشى بىر باشلىنىش. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىدىغانلىقى چۈشىنىشلىك.»
جۇئان مەنۇئېل نادال لاپازنىڭ قارىشىچە، خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش توغرا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينى بۇنچىلىك بېسىملارغا تېز پۈكىدۇ، دەپ قارىمايدىكەن. ئىسپانىيەلىك مەزكۇر سابىق دىپلومات پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دېدى: «مەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىمەن. بۇ ئىجابىي بىر يۈزلىنىشتۇر. بىراق مەن خىتاينىڭ بۇنچىلىك بېسىملار سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بەلكىم خىتاي بۇ بېسىملارغا قارشى تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىشى، تېخىمۇ قاتتىق غەزىپى قوزغىلىشى مۇمكىن»
دېگەندەك چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۈەنگوغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىغا تەگكەن. خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپى «ۋېنا ئەھدىنامىسى» غا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «بۇنداق خاھىش ‹ۋېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەھدىنامىسى› دىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار يامان غەرەز، بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ياكى جۇڭگوغا قارشى ئاساسسىز ھۆكۈم بىلەن بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
لېكىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دىكى رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، يۇقىرىقى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە يوللۇق بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماقتا ئىكەن. ئۇ ئەگەر خۇا چۈنيىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۈەنگو بىلەن سۆزلىشىشىنى خالىمىسا، ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك ئىكەن.
رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مەن خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بىلەن سۆزلىشىپ قالسام، مەن شۇ نۇقتىلارنى تەكىتلەيتتىم: ئەگەر ئۇ بۇ سۆھبەتنىڭ ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىنى خالىمىسا، ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتسۇن. ئەگەر ئۇ شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ‹سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى› نى تاقىسۇن. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلسۇن، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى مەدەنىيەت كىملىكى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشنى توختاتسۇن. ئەگەردە ئۇ بۇ سۆھبەتنىڭ بولۇشىنى خالىمىسا، مانا بۇلار ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى قىلىدىغان ئىشلاردۇر.»
بېيجىڭدىكى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۈەنگوغا مەكتۇپ يېزىشى ب د ت نىڭ 6 نەپەر مۇتەخەسسىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. 15 دىپلوماتنىڭ بىرلەشمە مەكتۇبى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىغا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى سۇنغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، غەربتىكى 15 دۆلەت ئەلچىسىنىڭ چېن چۈەنگوغا يازغان مەكتۇبىدا «بىز ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن سىز (چېن چۈەنگو) بىلەن سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ، بۇ ئەندىشىلىرىمىزنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز،» دېيىلگەن.