قازاقىستانغا ھەر خىل يوللار بىلەن كېلىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن.
ھازىر يەرلىك مەتبۇئاتتا چەتئەللىكلەرنىڭ سانى ۋە كېلىش مەقسىتى توغرىلىق كۆپلىگەن مەلۇماتلار پەيدا بولۇۋاتماقتا. ئۇلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى خىتاي پۇقرالىرى ئىگىلەيدىكەن.
«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانغا ۋاقىتلىق ئىش ئىزدەپ كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى خىتايدىن بولماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى چەتئەللىك ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي قىسمى خىتاي پۇقرالىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇنى قازاقىستاننىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى دەئۇلېت ئارغاندىقوفمۇ تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 31 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. كېيىنكى ئورۇنلارنى تۈركىيە، ھىندىستان، ئىتالىيە، ئۆزبېكىستان ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر ئىگىلەيدۇ. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، مەملىكەتنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ ئېيتىلىپ كەلگەن ئىدى.
مەسىلەن، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا «مېنىڭ شەھىرىم» تور بېتىدە بېرىلگەن «ئاتىراۋدا 38 خىتاي پۇقراسى قانۇنسىز تۇرماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، شەھەر قانۇن قوغداش ئورگىنى ۋە پولىتسىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە 38 نەپەر خىتاي پۇقراسى تۇتۇلغان. ئاتىراۋ شەھەرلىك مەمۇرىي سوتىنىڭ مەجلىسى ئۇلارنىڭ قازاقىستان قانۇنلىرىنى بۇزغانلىقىنى دەلىللەپ، مەملىكەتتىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار يەرلىك بىر ئىدارىگە مەسلىھەتچىلەر سۈپىتىدە ئۆتكەن يىلنىڭ 10-سېنتەبىر كۈنى «ئالماتا كونترول-ئۆتكۈزۈش پونكىتى» ئارقىلىق كىرىپ، ھېچيەردە تىزىملانمىغان.
قازاقىستان قانۇنى بويىچە چەتئەللىكلەر چېگرانى كېسىپ ئۆتۈشى بىلەن بەش كۈن ئىچىدە ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرىدا ۋاقىتلىق تىزىملىتىشى لازىم.
ئەمدى «پارتنيېر. ئۆز» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاي قازاقىستان ئارقىلىق رۇسىيە بازىرىغا كىرىشنى كۆزلىمەكتە» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت بانكىسى ۋەكىللىرى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاستانا شەھىرىدە بولۇپ، بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇش ۋە ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش تەكلىپلىرىنى بەرگەن ئىدى. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە خىتاي قازاقىستاندا بىر قاتار زاۋۇتلارنى سېلىپ، بۇ زاۋۇتلار ئىشلەپ چىقارغان تاۋارلارنى رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە چىقارماقچى. «قازاقىستان رۇسىيەگە چىقىدىغان ئىشىك» دەپ ئاتالغان يول خەرىتىسى بويىچە پىلانلانغان ئوندىن ئوشۇق لايىھىگە خىتاي مىليونلىغان دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشقا ۋەدە بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناسلار ئايدوس سارىم، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە غالىم ئاگېلېئۇئوفلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.