يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بىردىنلا كۆپەيگەنلىكى ئېيتىلماقتا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە رادىيومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئىشەنمەسلىكى، بالىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.
ئاتا، ئانىسى شۇ نىيەتتە بىر ئاماللارنى ئىزدەپ چەتئەللەرگە چىقارغان، 6 يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى ۋە چەتئەلدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىگە كىملىكىنى تونۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى ۋە يېقىندىكى ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىن «ياخشى بىلىم ئىگىلەپ ۋەتەنگە چوقۇم قايتىپ كېتىمەن» دېگەن قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ ئۇيغۇر ياش بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.