چېخلىق ئۇيغۇرشۇناس: «مەنچىڭ دەۋرىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق»

0:00 / 0:00

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناس، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلىمېس يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كۆز قاراشلىرىنى راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادە قىلدى.

ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي ئېڭى ۋە ئۇلارنىڭ ئويلايدىغانلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىلىشنى بەكمۇ خالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار تولىمۇ قىزغىن ۋە تىرىشچان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تارىخىنى بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئېچىپ بېرىدىغان كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ تەس. بېسىم تولىمۇ ئېغىر. ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن ئالغاندا ھازىر تولىمۇ قىيىن بىر شارائىتتا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ياشلار ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ شۇنداق.»

ئوندرېي كلىمېس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى توغرىلىق چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن دەسلەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمگە "غەيرەت" دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىسىم ماڭا چىرايلىق ئاڭلاندى. كېيىن بۇ ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى ئەرەبچىدىن كەلگەن ئىسىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللىناي دەپ "ئۆتكۈر" دېگەن ئىسىمنى تاللىۋالدىم. بۇ ساپ تۈرك - ئۇيغۇرچە ئىسىم ئىكەن، چۈنكى ئۇنىڭدا تۈركىي تىللىرىغا خاس بولغان "ئۆ" ۋە "ئۈ" تاۋۇشلىرى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىمەن. شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈمگە "ئۆتكۈر" دېگەن ئىسىمنى تاللىۋالدىم.»

ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان رېئاللىق ھەققىدە كۆپ ئويلىنىمەن ۋە بۇ نۇقتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىزچىل يوسۇندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇر رايونى ئۈچۇن يېڭى سىياسەت ئەمەس. كوممۇنىست خىتاي بىلەن گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسەتلىرىدە چوڭ پەرق يوق. مەنچىڭ دەۋرىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغىنى يوق. قېنى، ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۈزىتىپ باقايلى!...»

ئۇ ئاخىرىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ۋە خالىسانە ياردەم قىلغان بارلىق ئۇيغۇر دوستلىرىغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.