يېقىندا گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا دۇنيا تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدىكى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن.
بۇ مۇسابىقىگە 12ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن ياش تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان. شۇ جۈملىدىن قازاقىستان دۆلەت كوماندىسىدىن بىر نەچچىلىگەن تەنھەرىكەت ماھىرلىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 12 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئادىلەم ھوشۇروۋا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ چېمپىيون بولغان.
بىز ھازىر قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئادىلەم ھوشۇروۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاستانا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، ھازىر شەھەردىكى 46-گېرمان تىلىدىكى گىمنازىيەدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستان تەنھەرىكىتىنىڭ مۇشۇ تۈرى بويىچە تۇنجى چېمپىيونى بولغان ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ‹ئاليانس› برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيىسىدە تەربىيەلىنىۋاتىمەن. راستنى ئېيتسام، ئاتا-ئانام مېنىڭ بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا قارشى بولماي، بەلكى دائىم مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇردى. تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرىگە بىر يىل ئىلگىرى قاتناشقان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تۆت مۇسابىقىگە قاتناشتىم. تۇنجى قېتىم مەن ئاستانا شەھىرىدە ياۋرو-ئاسىيا تەنھەرىكەت كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹كۈرەش كۈنى› خەلقئارا فېستىۋالىغا قاتناشتىم. ئىككىنچىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ-دابىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. ئاندىن ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان بويىچە مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتىم. تۆتىنچىسى، جيۇ-جىتسۇ تۈرى بويىچە گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. مەن بۇ يەردە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ نې-ۋازا تۈرى بويىچە ئۈچ رىقابەتچىمنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندىم. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەن ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ، ئاندىن گىرېتسىيەنىڭ ماھىرلىرىنى يېڭىپ چىقتىم. ئاخىرىدا بولسا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي پولشانىڭ ماھىرىنى يېڭىپ، ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتىم. قازاقىستان تاللانما كوماندىسى تەركىبىدە بىز تۆت مېدال ئۇتۇۋالدۇق.»
ئادىلەم ھوشۇروۋا ئۆزىنىڭ بۇ ئۇتۇققا يېتىشىدە ئۇستازى ۋە ترېنېرى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ چوڭ تۆھپىسى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كېلەچەكتە مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلارغا يېتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادىلەم ھوشۇروۋا تەنھەرىكەت ماھىرى سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار چوڭ ئۈمىد كۈتۈۋاتقان تالانتلىق ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئادىلەم ھوشۇروۋانىڭ ئۇتۇقى ھەققىدە قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «دوپپا-لايف» تور بېتىدە ھەمدە باشقىمۇ ئىجتىمائىي تورلاردا خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.
«ئاليانس» برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكادېمىيە ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2010-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. ئارمانجان روزاخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى ئاستانا شەھىرىدىن قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئاكادېمىيە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى: «مېنىڭ شاگىرتلىرىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشىلاردىندۇر. ئاكادېمىيە مەۋجۇت بولغاندىن بۇيان 40 تىن ئوشۇق دۇنيا چېمپىيونلىرى تەربىيەلىنىپ چىقتى. بىزنىڭ شاگىرتلار ئارىسىدا يەنە ياۋروپا ھەم ئاسىيا چېمپىيونلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۈگۈڭە قەدەر تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بويىچە بىزنىڭ 8 كۇلۇبىمىزدا 1200 دىن كۆپ ياش تەنھەرىكەتچىلەر مەشىقلىنىۋاتىدۇ. يەنە ئىككى كۇلۇب يېقىن ئارىدا ئاستانا ۋە چىمكەنت شەھەرلىرىدە ئېچىلماقچى. بىزدە يەنە ئىككى ئامېرىكا قىتئەلىرى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان يازلىق مۇسابىقىلەردە ئۈچ شاگىرتىم چېمپىيون بولدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى بىزدە مەشىقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىن مەشىقلىنىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلاردىن ئۈچ دۇنيا چېمپىيونى چىقتى. ئەمدى ئادىلەمگە كەلسەك، ئۇ گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىقلار بىلەن كەلدى. ئومۇمەن، بۇ يىل ئىچىدە ئادىلەم تۆت چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشتى. خەلقئارا فېستىۋالدا چېمپىيون بولدى. ئەبۇ-دابىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ھەمدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىكى مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇپ، قازاقىستاننىڭ تاللانما كوماندىسىغا قوبۇل قىلىندى ئۇ ھەم تەنھەرىكەت ماھىرى دەرىجىسىگە نامزات ئاتالدى. گىرېتسىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزىگە يۈكلەڭەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇقى بىلەن چىقتى. بۇ جەھەتتە ئۇ مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدى. ئەلۋەتتە، ئادىلەمدە بەزى كەمچىلىكلەرمۇ بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ مانا 5-ئۆكتەبىردە ئاستانا شەھىرى بويىچە ئۆتىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، يەنە ئۇتۇق قازىنىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.»
ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئىلزات ئىنايەتوف، ئىلشات ئوسمانوف قاتارلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئىزىنى يەنە كۆپلىگەن ياشلار بېسىپ چىقماقچى ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، بوكس، «كىك-بوكسىڭ»، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، «كاراتې»، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، «خوككېي»، يەنى مۇز توپ ئويۇنى ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى باردۇر. تەنھەرىكەتنىڭ مەزكۇر تۈرلىرى بويىچە قازاقىستاندا ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، خەمىت توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف، مۇڭلۇق جېلىلوف ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن دۇنيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىقتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا خوككېي تۈرىدىن زارىنا توختايېۋا، بوكستىن دىلمۇرات مىجىتوف، رەنا پەرھاتوۋا، گىمناستىكىدىن نارىمان قۇربانوف، «ۋوركاۇت» تۈرىدىن، يەنى تورنىكتا ئېسىلىپ، ھەرىكەت قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش تۈرىدىن رامىل ئابلىزوف قاتارلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيا ۋە دۇنيا دائىرىسىدىمۇ تونۇلماقتا.