مەجلىس داۋامىدا باش پروكۇرور ئا. دائۇلبايېف، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ك. قاسىموف، ئىقتىسادى جىنايەت ۋە پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئاگېنتلىقنىڭ رەئىسى ر.تۈسۈپبېكوف ۋە ئالىي سوت رەئىسى ب. بېكنازاروفلارنىڭ دوكلاتلىرى تىڭشالغان بولۇپ، ئۇلار مەملىكەت رەھبىرىگە ھېسابات بەرگەن ھەم بۇ ساھەلەردە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش بويىچە بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغان. مەملىكەت رەھبىرى مەزكۇر ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا ئېنىق ۋەزىپىلەرنى يۈكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ تاپشۇرمام بىلەن ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە دۆلەت پروگراممىسى ئىشلەپ تەييارلانماقتا. ئۇنى پەقەت دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق خەۋپىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگىلا مەركەزلەشتۈرۈشنى توغرا كۆرمەيمەن. ئۇ بەش-ئالتە يىلغا مۆلچەرلەنگەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلىي ھۆججەت بولۇشى زۆرۈر. تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ساپاسىنىڭ باش ئۆلچىمى - تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ بولماسلىقىدۇر.»
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. «تېنگرى نيۇس» تور بېتىدە بېسىلغان «قازاقىستان مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئارمىيىدىن پايدىلىنىلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىدە پرېزىدېنتنىڭ مەملىكەت ھەربىي كۈچلىرىگە بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى تاپشۇرغانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت تاشقىرىدىن كېلىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشتە ھەربىي كۈچلەرنىڭ رولىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. مەملىكەت رەھبىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قازاقىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى تۇراقسىزلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى تاپشۇردى.
ن.نازاربايېف شۇنداقلا بارلىق ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنىڭ بىر ئاي مابەينىدە كېڭەيتىلگەن مەجلىسلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر بىر ساھەنىڭ ئېنىق ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشنى، بىۋاسىتە قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغان يېڭى ھوقۇق قوغداش سىستېمىسىنىڭ بارلىق يۆنىلىشلىرىنى بەلگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنى، «نۇر ئوتۇن» خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى ھەم ئۇنىڭ پارلامېنت مەجلىسىدىكى بۆلۈمچىلىرىنى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنى بۇ ئىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ھەر قانداق بىر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىردى. پرېزىدېنت چېگرا خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم 2020-يىلغىچە دۆلەت چېگراسىنى نورماللاشتۇرۇش تەكلىپىنىمۇ بەردى.
ئەمدى مەزكۇر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان رېنات تاشقىنبايېفنىڭ «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش پروكۇرورى تېررورچىلىق بىلەن كۈرىشىشتە كۈچ قوللانغۇچى ئورگانلارنىڭ تەييارلىقىنىڭ ناچارلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، باش پروكۇرور ئاسخات دائۇلبايېف كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەملىكەتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەم ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇشتا ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئۇ ئەھۋالنىڭ مۇنداق بولۇشىنى، بىرىنچىدىن، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىدا ئانالىتىكىلىق ھەم تېز ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقى، ئىككىنچىدىن، خادىملارنىڭ كەسپىي تەييارلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۈچىنچىدىن، ماتېرىياللىق ۋە تېخنىكىلىق تەمىنلىنىشنىڭ خەلقئارا تەلەپلەرگە ماس كەلمەسلىكى بىلەن باغلاشتۇرغان.
ئۇ شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىقتا ئەيىبلىنىپ سوتلانغانلارنى، كېيىنىرەك باشقىمۇ بارلىق سوتلانغانلارنى كامېردا تۇتۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.