تۈركىيەدىكى 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق غېرىب ئەللىرىدە داۋاملىق تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

4-دېكابىر كۈنى چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىنسانلىق ئۇنۇتقان زېمىن-شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. 19-دېكابىر كۈنى بولسا تۈركىيەنىڭ شەرقىي-شىمالىغا جايلاشقان بايبۇرت شەھىرىدىكى بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن-شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

4-دېكابىردىكى مەزكۇر يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ئەپەندى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن شەھىدە مەخمۇت خانىملار دوكلات بەرگەن. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بەردى.

19-دېكابىر كۈنى بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن-شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنغا بايبۇرت شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، ھازىرقى شەھەر باشلىقى، بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇ يىغىندا تەكلىپ بويىچە دوكلات بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىي ئاخمەتبەيوغلۇ ئەپەندى ۋە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭمۇ دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىغىندىن كېيىنلا 20-دېكابىر كۈنى ئاخشىمى تۈركىيەنىڭ بولۇ شەھىرىدىكى ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. مەزكۇر يىغىنغا ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بولىدۇكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئىككى ئايدىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۇيغۇرلار دۇنياغا شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە ماڭماقتا. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇلاردىن باشقا 16-17-دېكابىر كۈنلىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 23-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل، قەيسەرى، يوزگات قاتارلىق شەھەرلەردە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.