خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەككىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن «رابىتۇل ئالەمىن ئىسلام»، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن سەئۇدى ئىستىخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن تەقىبگە ئۇچرىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېفون شىركىتى دولقۇن ئەيسانىڭ تېلېفون نومۇرىنى، ئىنتېرنېت ئىشلىتىشىنى بىكار قىلغان، سەئۇدى ئىستىخبارات خادىملىرى 24 سائەت دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدا پوستا تۇرغان.
بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەھۋالنى دەرھال گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن گېرمانىيە كونسۇلخانىسىغا بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 27-فېۋرال ئەتىگەن سەئۇدى ئەرەبىستان جاسۇسلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدا جىددە ئايرودرومىدىن ئايرىلغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تەختكە چىققان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلەزىز ئەلسۇئۇدىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشقانلىقىنى، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش كونسۇلى ئەنۋەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ د ئۇ ق نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورىنى پاش قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇس قىلماستىن ئۆزىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ ھەقلىق دەۋا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
مەزكۇر يىغىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە مەككىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 80 دۆلەتتىن كەلگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، قازاقىستاندىن شىرئەلى ئەپەندى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مەمەت يۈسۈپ ئەپەندى، فىنلاندىيەدىن مەمەتئەلى ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئابدۇسالام ئەپەندىلەر قاتناشقان.
ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا سۆز قىلىپ، ۋەكىللەرگە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي بېسىملار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي، سىياسىي تېررورلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇلاردىن سىرت، يىغىن ئەھلىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان خىتاينىڭ 2014-يىللىق ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى تارقىتىپ بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۇ يىغىندا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2003-يىلى 12-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە كورېيە، تەيۋەن، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا ئىككى يىل بۇرۇن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشكە باشلىدى.