خىتاي ھۆكۈمىتى دۆڭگەشكە ئۇستا

0:00 / 0:00

خوڭكوڭ زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى قىزىل رېجىمنىڭ كۆلەڭگىسى بارغانسېرى خوڭكوڭ زېمىنىنى قاپلىماقتا. كومپارتىيىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان قامالىنىڭ كۆلىمى خوڭكوڭغا قەدەر كېڭىيىپلا قالماي، «چەتئەل ئەكسىيەتچىل كۈچلىرى» قالپىقى خوڭكوڭدىمۇ بازارغا سېلىنماقتا.

21-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئىقتىسادى ئاۋارىچىلىكمۇ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن پەيدا بولغان پالاكەتمۇ؟» ناملىق خەۋەرنىڭ باش قىسمىدا، نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى پائۇل كرۇگماننىڭ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر پالاكەتكە يولۇققانلىقى، 30 يىلدىن بۇيانقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەن تەرەققىياتنىڭ مانا ئەمدى ئاخىرقى توختاش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكى، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىپ راۋاجلاندۇرغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بەك ئىلگىرىلىيەلمەيدىغانلىقى، يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي مۇۋازىنەتكە بولغان ئېھتىياج شۇنچە روشەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ بەدىلىنى ئەمدى ئۆتەشكە مەجبۇرلۇقى ۋە ھازىرقى مەسىلە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ پالاكەتنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

پائۇل كرۇگمان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى «بىز، خىتاي تەرەققىيات مۇساپىسىدە يولۇققان ئۇششاق توسالغۇلار توغرىلىق ئەمەس، بەلكى نېگىزلىك مەسىلە توغرىلىق سۆزلەۋاتىمىز، جۇڭگو مودىلىنى بەربات بولدى دېيىشكە بولىدۇ، خىتايلار ھەممە ئىشلىرىنى سىر تۇتقاچ، ئاخبارات قامال قىلىنغان بولغاچ، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى توغرىسىدا ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس» دېگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداقلا تەدبىر قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، مەبلەغ قىيىنچىلىقىدىن ئازاد بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان خىتاينىڭ، سىياسىي بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپلا قالماي، خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگىمۇ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئۆكتىچىلەرنى چەتئەل ئەكسىيەتچى كۈچلىرىگە باغلاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئوبزورچى ئىلى يى بۇنىڭغا قارىتا ئالما گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئۇنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى قوزغىدى، دېدى. تىبەت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، غەرب كۈچلىرى كۈشكۈرتتى، دېدى. شىنجاڭدىكى قارشىلىقلارغا بولسا، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر يېتەكچىلىك قىلغان، دېدى. ۋۇكۇەندىكى دېموكراتىك كۈرەشنىمۇ چەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئارتتى. خوڭكوڭدا مەيلى ئىلگىرىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتىگە تەنقىدىي قارايدىغان دېموكراتلار پارتىيىسى بولسۇن ياكى بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىققان چوڭ قۇرۇقلۇققا قارشى يەرلىك ھەرىكەت بولسۇن، خىتاي كومپارتىيىسى ئەزەلدىن ئۆزىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا، ھەممىنى چەتئەل كۈچلىرىگە ئارتىپ قويماقتا.»

خەۋەردە لى يىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئۇنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىدە زەھەرلەنمەسلىككە چاقىرغانلىقى، غەرب سىياسىي كۈچلىرى قوزغاتمىسىمۇ، خوڭكوڭدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قوزغاتقۇچى كۈچكە ئىگە ئىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى تىپىك دۆلەت تېررورى سىياسىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇقىملىق ئۈچۈن بەدەل قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل زوراۋان سىياسەتنىڭ مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىققا تايانغان قارشىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يازغۇچى جى شياۋفېڭنىڭ خوڭكوڭدىكى «شىنباۋ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختىكارلىقى پاش قىلىنغان. جى شياۋفېڭنىڭ يېزىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى جون. م. كاررول ئىلگىرى «خوڭكوڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بىر ئەسەر يېزىپ چىقىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەر ئەسلىدە ئىنگلىزچە بولۇپ، ئۇنى يېقىندا خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەمما، ھەيران قالارلىقى، بۇ ئەسەرنىڭ خىتايچە تەرجىمىسىدىن ئىككى خىل نۇسخىسى پەيدا بولۇپ قالغان. بىرى، ئەسلى ئىنگلىزچە نۇسخىسىغا ئوخشاش «نازۇك نەشرى» بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنقى تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەتكە قارىغاندا مۇستەبىت ئىكەنلىكى، نۇرغۇن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچى ئىنگلىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولۇشنى خالايدىغانلىقىدەك نازۇك مەسىلىلەر ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان تەنقىدلەر ئورۇن ئالغان. كىتابنىڭ يەنە بىر نەشرى بولسا ئەسلىدىكىسىگە ئوخشىمايدىغان «ئىللىقلاشتۇرۇلغان نەشرى» بولۇپ، بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىپ تاشلانغان. ھەتتا بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىكى خىتاي رەھبىرى لى پىڭ قاتارلىقلارنىڭ باھا سۆزلىرى، خىتاي ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىۋېتىلگەن.

خىتاي قىزىل رېجىمىنىڭ خوڭكوڭدىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.