12 - فېۋرال باشلانغان «ميۇنخېن دۇنيا بىخەتەرلىكى يىغىنى» 14 - فېۋرال ئاخىرلاشتى. 30 دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى پىكىر بايان قىلدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 3 كۈن داۋاملاشقان 52. نۆۋەتلىك «ميۇنخېن دۇنيا بىخەتەرلىكى يىغىنى» ميۇنخېن شەھىرىدىكى باۋارىيە بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا 30 دۆلەتتىن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرى، باش مىنىستىرلاردىن سىرت، 70 نەپەر تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە 5 نەپەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايەر، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا خانىم، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي، فرانسىيە باش مىنىستىرى مانۇئىل ۋاللېس، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترىې مېدۋېدېۋ، ناتونىڭ باش سېكرىتارى جېنس شىتولتېنبېرگ قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر سىياسىي شەخسلەرمۇ بار. يىغىن داۋامىدا مەيدانىنىڭ سىرتىدا 1500 كىشىلىك نامايىشچى سۈرىيە بومباردىمانىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولغان. مەسىلەن؛ ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار، ئىسلام دۆلىتى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىكى، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش قاتارلىقلار.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىنغا يەنە 600 دىن ئارتۇق داڭلىق سىياسەتچىلەر، 48 دۆلەتتىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقان. باۋارىيە ھۆكۈمىتى يىغىن ئۈچۈن 340 ئالىي دەرىجىلىك ياتاق، 40 دانە يىغىن زالى ئاجراتقان. تەخمىنەن 4000 ئەتراپىدا ساقچى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسۇل بولغان. 1800 نەپەر مۇلازىم يىغىن ئاخىرلاشقىچە خىزمەتتە بولغان. 140 دانە ئاپتوموبىل مۇلازىمەت قىلغان. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا 3 مىڭ دانە نان، 4 مىڭ كىشىلىك تاماق، 5500 بوتۇلكا سۇ، 5 مىڭ بوتۇلكا ھەرخىل ئىچىملىك، 700 بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى، 200 بوتۇلكا پىۋا ئىستىمال قىلىنغان.
ئۇنداقتا، بۇ يىغىندىن ھاسىل قىلىنغان نەتىجىلەر نېمە؟
بۇ توغرىسىدا تېخى ئېنىق يەكۈن يوق. مەتبۇئاتلار قانداقتۇر كېلىشىم ياكى ئىجابىي قارارلار توغرىلىق توختالمىدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ، بۇ يىغىنىڭ دۇنيادا ئىچكىي ئۇرۇشلار ئەۋج ئالغان بىر زاماندا ئېچىلغان مۇھىم بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىراق، «ميۇنخېن دۇنيا بىخەتەرلىكى يىغىنى» دىن جەلپ قىلارلىق بىر نەتىجە چىقمىغان بولسىمۇ، دىققەتكە سازاۋەر پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەرقايسى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ئارقىلىق، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانلىرىنى ئىپادىلىگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى 13 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، ھەرقايسى ئەل سىياسىي ئەرباپلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى قىسقىچە شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
«ميۇنخېن دۇنيا بىخەتەرلىكى يىغىنى»نىڭ رەئىسى ۋولفگاڭ ئىشېڭېر مۇنداق دېگەن: «مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىشلىرىمىزنى ياخشىلاش تۈگۈل، بارغانسېرى ناچارلاشتۇرىدۇ. بىز ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ داۋاملىق پۇت دەسسەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇھتاج.»
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتېر شىتايىنمايەر ياۋرۇپا بىرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «غايەت زور بىر كرىزىس ياۋرۇپانى كېزىپ يۈرمەكتە، بىز چوقۇم ياۋرۇپا ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە ياۋرۇپادىكى ياتلىشىش كۈچى بۇ دەرىجىدە زورايغان ئىكەن، كىلەر يىلى يەنە بۈگۈنكىدەك بىر ياۋرۇپانى كۆرەيلەيدىغانلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىلىق ئېنىق بىر سىگنالىمىزنى بېرەلىشىمىز لازىم. مۇشۇنى قىلالىساق، چوڭ ئىش قىلغان بولىمىز.»
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئۇرسۇلا خانىم سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ھەلەبتىكى پۇقرالار چالا قويۇلماي، بومباردىماننىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر چاغدا، ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىشەنچ يارىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلىش ئاسان ئەمەس.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بىرقانچە كۈن، بىرقانچە ھەپتە ۋە بىرقانچە ئايدىن كېيىن ئالىدىغان قارارىمىز، سۈرىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بىرەلىشى مۇمكىن. بەلكىم يەنە كېلىچەكتە تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان باشقا قېيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن.»
ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى ئىسلام دۆلىتى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ يىلنىڭ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى ئاخىرقى بىر يىلى بولۇپ قېلىشىنى پىلانلاۋاتىمىز.»
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇبايېر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئەسەد تەختىدىن ئايرىلسا، ئىسلام دۆلىتى سۈرىيىدىكى ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتىۋاتقان تۇپراقلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىمىز ئاسانغا توختايدۇ.»
فرانسىيە باش مىنىستىرى مانۇئىل ۋاللس رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ياۋرۇپاغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «بىز يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرايمىز، زور كۆلەملىك ھۇجۇمغا، بۇنىسى مۇقەررەر. بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى تېررورچىلارنىڭ بۇ تۇپراقلارغا كېلىشىدىكى مەقسىـى، بۇ يەرلەرگە يەرلىشىش.»
گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستئىرى شىمىد رۇسىيەگە بولغان ئىمبارگو مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ئىمبارگو ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىق بولغان ۋاستە. جازالاش توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈچۈن زور توسالغۇ. ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلى يولغا قويۇلغان ئىمبارگو مەسىلىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنى ئارىلاشتۇرىۋالماسلىق لازىم.»
رۇسىيە باش مىنىستئىرى مېدۋېدېۋ مۇنداق دېگەن: «بىز ئاللىقاچان يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە كىرىپ بولدۇق. ئىمبارگو ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىمبارگو بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىسىز. ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋېتى زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا خالىغانچە قىرغىن قىلىشتەك ئىچكىي ئۇرۇشتا. ئەجىبا بىز تىركىشىشكە ئەمەس، ھەمكارلىققا مۇھتاجلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم 3 - دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىقمۇ؟»
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە ئەسكەرلىرى، رۇسىيە قوراللىرى، رۇسىيە ئوق - دورىلىرى ھەر كۈنىلا چېگرىدىن ئۆتۈپ مېنىڭ دۆلىتىمگە كىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكىي ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ زوراۋانلىقى. رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قىلمىشلىرى ئۇنىڭ باشقا بىر پىلانېتتا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۈرىيەدىمۇ ئىچكىي ئۇرۇش يوق. بار بولغىنى پۇتىننىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقنى بومباردىمان قىلىشى.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كورىيە مەسىلىسىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىر قاتتىق بىر قارار قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. بىز ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قوللىنىپ، يېڭى بىر قارار ئارقىلىق كورىيەنى قىلمىشلىرىغا تېگىشلىك بەدەل تۆلەتكۈزۈشىنى قوللايمىز.»
ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىز كېلەر نۆۋەت يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەن چېغىمىزدا، بىز ئەسلىدىنلا ساقلىنالايدىغان كرىزىسلار توغرىلىق سۆزلەشمەيدىغان بولايلى.»
0:00 / 0:00