ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزى شەھرىزات خەلىلوۋا دۇنيا تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدىكى تايلاندچە ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە تۆت قېتىم چېمپىيون بولغان.
ئۇ يەنە تەنھەرىكەتنىڭ «كاراتې»، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، «كىك-بوكسىڭ»، يەنى پۇت-قولنى تەڭ ئىشقا سېلىپ ئەركىن مۇشتلىشىش ۋە باشقىمۇ تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى نامايىش قىلغان.
شەھرىزات خەلىلوۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1992-يىلى بىشكەك شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، يۈسۈپ بالاساغۇن نامىدىكى قىرغىز دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدلىيە تېخنىكومىنى تاماملىغانلىقىنى، ھازىر بولسا ياش تەنھەرىكەتچىلەرگە ترېنېرلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كەسپىي تەنھەرىكەت بىلەن مەن تۆت يېشىمدىن تارتىپ شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم، يەنى تەنھەرىكەت ئۇسسۇلىدىن دېسەم بولىدۇ. بۇمۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەركىن مۇشتلىشىش ۋە باشقىمۇ چېلىشىش تۈرلىرى بويىچە مەن 12 يېشىمدىن تارتىپ شۇغۇللاندىم. دەسلەپتە قىرغىزىستاندا ئۆتكەن تايېكۋاندو، يەنى ئاياق بىلەن مۇشتلىشىش بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدىم. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ مېنىڭ تەنھەرىكەت تۈرۈم ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم. دەسلەپكى مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغانلاردىن ھەقىقىي چېمپىيونلار تۇغۇلمايدىكەن، چۈنكى ھەقىقىي چېمپىيون بەلگىلىك بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. مەن تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا 2012-يىلى رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدە ئۆتكەن كىكبوكسىڭ بويىچە مۇسابىقىدە مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمدى 2016-يىلى تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ئۆتكەن تايلاندچە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مەن ئىككى قېتىم بىراقلا چېمپىيون بولدۇم. مۇنداق دېگىنىم، مەسىلەن، بۈگۈن تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى بولغان بولسام، ئەتىسى كەسپىي ماھىرلار ئارىسىدا چېمپىيون بولدۇم. ئۈچىنچى قېتىم 2017-يىلى، يەنە شۇ باڭكوك شەھىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدۇم».
شەھرىزات خەلىلوۋانىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلى ئاپرېل ئېيىدا باڭكوك شەھىرىدە ئۆتكەن تايلاندچە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە 80 دىن ئوشۇق مەملىكەتتىن تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان ئىكەن. ئۇ ئۆز سالمىقىدا دەسلەپتە رۇسىيە ۋە گىرېتسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى، ئاخىرىدا بولسا، پورتۇگالىيە تەنھەرىكەتچىسىنى يېڭىپ چىقىپ، تۆت قېتىم دۇنيا چېمپىيونى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن.
شەھرىزات خەلىلوۋا يەنە ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «كورېيەنىڭ چىندۇ ۋە سېئۇل شەھەرلىرىدە ئۆتكەن كىكبوكسىڭ بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە، قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن بوكس بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكەن نەيزىلىشىپ-جەڭ قىلىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە، ئىراننىڭ كېرمانشاھ شەھىرىدە ئۆتكەن كاراتې بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ۋە باشقىمۇ ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە مەن مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا ئېرىشتىم.»
شەھرىزات خەلىلوۋا ئۆزىنىڭ كېلەچەكتە تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇرەھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاخىرقى يىللىرى قىرغىزىستاندا بىر قاتار ياش ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى تەربىيەلىنىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتناشماقتا ھەم ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، 18 ياشلىق كامىل سابىتوف ئات مىنىش تەنھەرىكىتى بويىچە قىرغىزىستاننىڭ بىر نەچچە قېتىملىق چېمپىيونى. ئۇ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە 1-ۋە 2-ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن. ياش بولغىنىغا قارىماي، تەجرىبىلىك تەنھەرىكەتچى. 17 ياشلىق ھەسەن باۋۇدۇنوف قىلىچۋازلىق بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى. بۇ ئىككىسى قىرغىزىستان تاللانما كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى. ئەكبەر ھېيتئاخۇنوف بولسا تايېكۋاندو بويىچە دۇنيا چېمپىيونى. ئۇ باشقا ئەللەردىكى مۇسابىقىلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىۋاتىدۇ. 21 ياشلىق خالمۇرات ئىبراھىموف گىرېك-رىمچە ئېلىشىش بويىچە قىرغىزىستان چېمپىيونى. دەۋران سادىقوف رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن گىرېك-رىمچە ئېلىشىشنىڭ چېمپىيونى بولدى.»
ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدا تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىنىڭ ھەم تىرېنېرلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىشكەك شەھىرىدە ‹بۈركۈت› تەنھەرىكەت كۇلۇبى ئىشلىمەكتە. بۇ كۇلۇب گىرېك-رىمچە ئېلىشىش بويىچە ياش تەنھەرىكەتچىلەرنى تەييارلىماقتا. كۇلۇبتا پەرھات ھوشۇروف دېگەن ترېنېرنىڭ ئەمگىكى زور. ئۇ تەنھەرىكەت ماھىرى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ھەر مىللەت ۋەكىللىرى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. پەرھات ھوشۇروف ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت قولىدىن پەخرىي يارلىق ئالدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن داڭلىق پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېف، ياپونچە ئېلىشىش ماھىرلىرى ساۋۇر ئەمەتوف ۋە ئابدۇۋەلى ئىسمايىلوف، گىرېك-رىمچە ئېلىشىش نىڭ ماھىرلىرىدىن پەرھات ۋە شۆھرەت ھوشۇروفلار، «بۈركۈت» گىرېك-رىمچە ئېلىشىش كۇلۇبىنىڭ مۇدىرى، تەنھەرىكەت ماھىرى سادىقجان يۈسۈپخوجايېف قاتارلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى يېتىشىپ چىققان. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستاننى دۇنياغا تونۇتقان تەنھەرىكەتچىلەردۇر.