ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ 10-مارت باشلانغان پائالىيەتلىرى 16-مارت ئاخىرلاشتى.
16-مارت كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋىلسون مەركىزىدە ۋە ب د ت باش شىتابىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇ ن پ ئو، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيۇنى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلارغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
16-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00-12:00 ئارىلىقىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. سائەت 12:30-14:00 ئارىلىقىدا ب د ت باش شىتابىدا چاقىرىلغان ئۇ ن پ ئو نىڭ يىغىنىدا سۆز ئېلىپ، خىتايدىكى دىنىي بېسىملار ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلدى.

مىگمار دولما خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ب د ت ھەم ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئاخىرقى 2-3 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. بىز بۇ ئورۇنلاردىن ئاچقان يول ۋە بۇ يەرلەردە ياراتقان تەسىرلەر 50 يىللىق مىھنەتنىڭ نەتىجىسى. ئەمما، ئۇيغۇرلار ناھايىتى قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدىلا ئۆزلىرىنى تونۇتۇش مەقسىتىگە يەتتى. مەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىغا بارسام ئۇ يەردە كۆرىمەن. ب د ت غا كەلسەم، بۇ يەردە كۆرىمەن. بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىدىكى دىنىي ئىشلار مەسئۇلى ئەھمەد شاھېد ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىلى كىرىۋاتساق، سىلەر ئۇ يەردىن سۆھبىتىڭلارنى تۈگىتىپ چىقىۋېتىپسىلەر. يەنى قەدەمنى بىزدىن بالدۇر ئالىدىغان بولۇپ كىتىپسىلەر. بىز مەيلى ب د ت ياكى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا بولسۇن، بىرلىرى بىلەن ئۇچراشساق، " ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭلار قانداق؟ د ئۇ ق نى بىلەمسىلەر؟" دەپ سورايدىغان ھەمدە " ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش دەۋايىڭلارغا پايدىلىق" دەيدىغان بولدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.»
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن بۇندىن 8 ئاي بۇرۇن دارىمسالاغا قېچىپ چىققان بىر تىبەت قىزىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتتىن ئىبارەت تەقدىرداش بولغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىرلىك بولغان ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا خىتايغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم نىمالاما، تىبەتلىك. بىز تىبەتلىكلەر بۇ قېتىم ب د ت دا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە دەردىمىزنى ئورتاق ئاڭلاتتۇق. ئىككى مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەمدە كېلىچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپلىگەن يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇردۇق. ب د ت دا مەسىلىمىزنى دۇنياغا تونۇتتۇق. بۇ ھال مېنى بەك خۇشال قىلدى. بىز تەقدىرىمىز ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىمىز. مەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشەنمەيمەن. ئاڭلىغان بولساممۇ ھازىرغا قەدەر كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مانا ئەمدى كۆردۈم. خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن بەك قورقىدۇ؟ مەن سىچۈەندىكى چېغىمدا بىر تىبەتلىكنىڭ خىتايلارنى "مەن ئۇيغۇر" دەپ قورقۇتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭغا قاراپ، ئۇيغۇرلار بىزدىن جەسۇركەن، دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەن ئىدىم. ھازىر قارىسام، ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك خۇشچاقچاق، مېھماندوست ئىكەن. سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن بەك سۆيۈندۈم.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان پائالىيەتلەر 16-مارت ئاخىرلىشىپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرى چۈشتىن كېيىن ميۇنخېنغا قاراپ يولغا چىقتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلاتىدا، ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزىنى دوست قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتىزملىق تەربىيىسىنى يەسلىلەرگىچە ئوموملاشتۇرۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنى ساناپ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن شەرھىيلەپ ئۆتتى.
ياۋرۇپادىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋېتى بىلەن د ئۇ ق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيۇنى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ب د ت دا بىر يۈرۈش يىغىنلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنلاردىمۇ تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. د ئۇ ق پروگرامما يىتەكچىسى پىتېر ئەپەندى ھەر قېتىملىق يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلدى.
ياۋرۇپا تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ياشايدىغان مىگمار دولما خانىم يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ياخشى تەسىر ياراتقانلىقىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. بىزنىڭ سېپىمىزگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مەركىزى جەنۋەدە بولغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت مەركىزى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيۇنى ھەمدە ئۇ ن پ ئو، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق خەلقئارادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان تەشكىلاتلارمۇ قوشۇلدى. ھەر كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يالغۇز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دەردىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتسىزلىكىنى تونۇتتى. بىز د ئۇ ق رەھبىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن كىلەر يىلى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 3-قېتىملىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشقا كېلىشتۇق. مەن يۇقىرىدا ئىسمىنى تىلغا ئالغان خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ بۇنى قىزغىن قوللىدى ۋە بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولدى. بۇنى مەن زور ئۇتۇق، دەپ قارايمەن.»