د ئۇ ق ۋەكىللىرى جەنۋەدە ب د ت نىڭ كىشلىك ھوقۇقنى ئومۇمىيۈزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش تەييارلىق يىغىنىدا سۆز قىلدى

0:00 / 0:00


2013 - يىلى مەركىزى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خەلقارا تەشكىلات «ئۇپ ر ئىنفو» نىڭ ساھىپخانلىق قىلىشى بىلەن، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈن جەنۋەدە 17 - نۆۋەتلىك كىشلىك ھوقۇقنى ئومۇمىيۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىنىڭ تەييارلىق مۇزاكىرە يىغىنى باشلاندى. بۇ يىغىن 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇلۇپ، يىغىندا 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگە سائەت 9 دىن 10 يېرىمگىچە تۇنجى بۇلۇپ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىنغا نۇرغۇنلىغان خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە 30 غا يېقىن دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتى ( China Human Right Lawyer Concerning Group )دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بېيجىڭ ئەيدىس بىمارلىرى ئىنستىتۇتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقارا تىبەت تەشكىلاتلار بىرلىكى، خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر ھەرىكىتى، خوڭكوڭ سودا ئۇيۇشمىلىرى كونفېدراسىيىسى قاتارلىق 7 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى مەخسۇس دوكلات بېرىپ ئۆتتى. يىغىنغا د ئۇ ق قا ۋاكالىتەن ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق پروگرامما ياردەمچىسى مىچەئال پھىللىپس ئەپەندىلەر قاتناشتى. يىغىنىدا مىچائەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ دوكلاتىنى سۇندى.

يىغىن جەريانىدا سۆز قىلغان بېيجىڭ ئەيدىز بىمارلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ۋەكىلىمۇ ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەم كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلىمۇ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيىدىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ھەر - قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى دوكلات بەرگۈچىلەردىن سوئاللار سورىدى.

يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرى ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا د ئۇ ق نىڭ دوكلاتىنى تەقدىم قىلدى.

ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشى 2008 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، «ئۇ پ ر» يەنى ئومۇمى يۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بۇلۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي دۆلىتىنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى 2009 - يىلى 2 - ئايدا تۇنجى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئىدى.

2009 - يىلى 2 - ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋەزيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا د ئۇ ق كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىپ، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. نەتىجىدە 11 دۆلەت ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى.

ب د ت نىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇقنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش پروگراممىسىنىڭ 2 - قېتىملىقى 2013 - يىلى 10 - ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا تېخىمۇ كوپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا خەلقارا بېسىم شەكىلەندۈرۈش ئۈچۈن، د ئۇ ق بىر قانچە ئايدىن بېرى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا بىلەن نەق مەيداندىن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.