دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەركىزى جەنۋەدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا چاقىرىلغان 9 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 2 - كۈنى، يەنى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى دەرستە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزمى : ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەجرىبىلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۇرسنىڭ ئىككىنچى كۈنى مەركىزى ئورگىنى جەنۋەدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، خەلقارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئادرىيان كلاۋۇد زوللەر ئەپەندىم، خەلقارا قانۇندا ئاز سانلىقلار ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى، ئىككى يۈرۈش ھەق - ھوقۇقلار، ئۇلارنىڭ پەرىقلىرى ۋە بۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىغە قانداق ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەردى. بۇ دەرسنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئۆتتى.
بۈگۈنكى كۇرسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بولسا ئادرىيان ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى ئاڭلاتتى. ئۇ، سۆزىدە داۋاملىق ب د ت گە بېرىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ب د ت دىكى ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ دوكلاتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئىسلام كونفېرىنسىيەسى تەشكىلاتىغىمۇ ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى كۇرس 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇيغۇر ياش ۋەكىللەر 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدا مۇھىم ئۇچرىشىش ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
0:00 / 0:00