د ئۇ ق سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى

0:00 / 0:00


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزاسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى 8 - 9 - ئاۋغۇست كۈنلىرى مەخسۇس تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، قەيسەرىدە ياشاۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى شۇنداقلا ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، 1964 - يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار ئەخمەت يەسەۋى مەھەللىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا.

2014 - 2015 - يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان قورو جايدا تۇرماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشتا تېخىچە خاتىرجەم بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەھەللىدە مەكتەپ ئېچىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ۋە دىن ئۆگەتمەكتە، مەسچىت ئېچىپ ئەركىن ئىبادىتىنى داۋام قىلماقتا، تەنتەربىيە مەركەزلىرىنى ئېچىپ بالا - چاقىلىرىنى تەربىيىلىمەكتە. مەزكۇر مۇساپىر ئۇيغۇرلار دۇنيا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىماقتا ۋە ماددى ياردەم قىلماقتا.

ئەركىن ئالپتېكىن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەيسەرىگە كېلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى ۋە يېتىم بالىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم تارقىتىپ بەردى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەيسەرىگە بۇرۇن ۋە ھازىر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەركىن ئالپتېكىننى كۈتۈۋالغان ئۆمەر تابىپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدىلا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن ئەركىن ئالپتېكىننى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئەركىن ئالپتېكىننى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر تابىپ ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىنىڭ كىچىك بالىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بالىلارغا پۇل تارقاتماقتا
ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بالىلارغا پۇل تارقاتماقتا (RFA/Erkin Tarim)


قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ئالدى بىلەن تەشكىلات ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئالپتېكىنگە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 50 يىللىق پائالىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 15 - ئىيۇل كۈنىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قەيسەرىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئۆمەر تەبىپ ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ياردەملەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالىق سالاھىيىتى، ئىشلەش ھوقۇقى، داۋالىنىش ۋە باشقا تەرەپلەردە قىيىنچىلىقلىرى بارلىقى، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تەنتەربىيە زالىدا
ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تەنتەربىيە زالىدا (RFA/Erkin Tarim)

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014 - 2015 - يىللىرىدا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق 7 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ياشىماقتا.