7 - ئاينىڭ 11 - ، 13 - كۈنلىرى پارىژدا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر يىغىن خاتىمىسىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا بولغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 130دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا چاقىرىلغان 5 - نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنى 13 - ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، يىغىنغا بىتەرەپ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىندىن ھاسىل بولغان تەسىراتلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە شەرھلىدى.
مەلۇمكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنى مەركەز قىلغان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ 2004 - يىلى 4 - ئايدا بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن. 2006 - يىلىغىچە قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. 2006 - يىلىدىن ھازىرغىچە رابىيە خانىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.
بۇ قېتىم فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 5 - قۇرۇلتايغا «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمۇ قاتناشتى. قۇرۇلتاي ئەھلى بۇنى «زور يېڭىلىق ۋە ئىجابىي قەدەم» دەپ باھالىدى. ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ، ‹شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ۋە ئىككى تەشكىلات ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى ۋە سەپدىشى بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشقانلىقىغا بولغان مەمنۇنىيىتىنى ئىزھار قىلدى.
بىراق، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى ئەخمەتجاننىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قانداق سالاھىيەت بىلەن قاتناشقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، شۇنداقتىمۇ ئەخمەتجان ئوسماننىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن قىزغىن ئالاقىلەردە بولغانلىقى ۋە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا رەئىس رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى د ئۇ ق بىلەن سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ كېلەچەكتە ئىش بىرلىكى قۇرۇش ئېھتىمالى بار - يوقلۇقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتايغا قارشى مىللىي مۇجادىلە قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كېلەچەكتىكى مىللىي دەۋانىڭ بىر پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت رەئىسى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشقانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھالار بەردى.
5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىغىنىمىزدا، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئۆز باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» 2004 - يىلى 14 - سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۈستىگە ئالغان. ھازىر كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى پرېزىدېنت بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.
0:00 / 0:00