د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.10.31
duq-dolqun-eysa-firansiye.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە. 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر، فىرانسىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 29-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن فىرانسىيە زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ 3 كۈنلۈك زىيارىتى ئەسناسىدا تەكلىپكە بىنائەن پارىژدا چاقىرىلغان «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىن تەمىنلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1998-يىلى خەلقئارادا ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۈزلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى پارىژ شەھىرىگە جەم بولۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» نى دۇنياغا ئېلان قىلغان. بۇ ئەھدىنامە ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىش خىتابنامىسى» نامىدا دۇنياغا جاكارلانغان.

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» ناملىق بۇ يىغىن مەزكۇر خىتابنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى شۇنداقلا ب د ت نىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

دۇنيادىكى 5 قىتئەدىن 300 دىن ئارتۇق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى قاتناشقان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشقان. يىغىننىڭ 29-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل رەھبەرلىرى نۇتۇقلار سۆزلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» ناملىق بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى خەتەر ئاستىدا قالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى جەم بولغان بۇ سورۇندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

بۇ يىغىنغا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەكبەر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا كەڭ تونۇتۇشقا ياخشى پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن تونۇشۇش شۇنداقلا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇ مەزكۇر يىغىننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەدە بەزى مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن ھەمدە 5-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى باشلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.