22-دېكابىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «تۈرك ئوجاقلىرى» نى زىيارەت قىلدى. زىيارەتتە جەريانىدا ئۆمەر قانات ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى سايلىمى، كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى شۇنىڭدەك «تۈرك ئوجاقلىرى» نىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرلىكتە يەنە د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
كۆرۈشۈش جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
«تۈرك ئوجاقلىرى» نىڭ رەئىسى، پروفېسسور مەھمەت ئۆز ئەپەندى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەبرىكلەيمەن، يېڭى ۋەزىپەڭلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇرۇندىن تارتىپلا بىزنىڭمۇ مەسىلىمىز. بىز بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. خەلقئارادىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.»
پروفېسسور مەھمەت ئۆز ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسىدۇر. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى كۈتىمىز. خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزدۇق ۋە داۋاملىق ھالدا ئۇلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. مەن 2018-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»
ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ 1912-يىلى قۇرۇلغان، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈركىيەدە كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئۆرنىتىشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى، د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومۇتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بۇ قېتىم مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلاردىن بۇندىن كېيىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدە ئالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى 105 يىللىق تارىخقا ئىگە تەركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەمەت رىزا بېكىن قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىمۇ مەزكۇر تەشكىلات بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن ئىكەن.
0:00 / 0:00