پارىژدا ئېچىلىدىغان 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى
2016.03.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتىتى بۈگۈن پارىژدا ئېچىلىدىغان 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق كومىتېتى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز بۈگۈن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلىپ قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى ئەزالىرى ۋە قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توربېتىدە پارىژدا ئېچىلىدىغان 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەييارلىق كومىتېتى ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 11 دۆلەتتە ياشاۋاتقان 26 نەپەر پائالىيەتچىدىن تەشكىللەنگەن. بىز بۈگۈن بۇ تەييارلىق كومىتېتىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋە قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى، قۇرۇلتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق.
سوئال: بۈگۈن قۇرۇلتاي تور بېكىتىدە، 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭغا ئاساسەن، پارىژدا ئېچىلىدىغان 5 - قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىقى رەسمىي باشلاندى دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ. بۇرۇن ئىجرائىيە كومىتېتى ئۆز ئىچىمىزدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەييارلىق خىزمىتىمىز بولغان، بۇ قېتىمقىسى، بۇ قېتىمقىسى تەشكىلات مىخانىزمىنىڭ بارلىق تارماق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا باشلاندى.
سوال: قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىدىكى ئەزالارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز، يەنى كومىتېت ئەزالىرى قايسى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بېكىتىلدى؟
جاۋاب: تىزىملىك ئېلانىمىزدا ئەسكەرتىلگەندەك، ئالدى بىلەن تەشكىلات ئىشلىرىدا تەجرىبىلىك بولۇش، مۇمكىن قەدەر داۋادا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى قۇرۇلتاي ئالدى ۋە داۋامىدا بۇ ئىشقا تولۇق ۋاقتىنى بېرەلەيدىغان بولۇشنى ئاساسى ئۆلچەم قىلدۇق. ئەمما ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، ئېھتىياج تۇغۇلسا تەييارلىق كومىتېتى ئەزالىرىنى يەنە كۆپەيتىمىز، ھازىرچە 26 كىشىنى بېكىتتۇق. بۇلار پات يېقىندا سايلام كومىتېتى، ئىقتىسادىي كومېتىت قاتارلىق 4 كومىتېتقا بۆلۈنۈپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ.
سوئال: بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا قانداق سالاھىيەتتىكى كىشىلەر ۋەكىل ياكى ۋەكىل نامزاتى بولالايدۇ؟
جاۋاب: بۇ ئەلۋەتتە قۇرۇلتىيىمىزنىڭ نىزامنامىسگە، تەجرىبىلەرگە ئاساسەن بولىدۇ. ھازىرچە دېيەلەيدىغىنىم، ئالدىنقى 4 قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى، شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى تارىخىدا رول ئالغان پىشقەدەم ئىنقىلابچىلىرىمىزنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جامائەت ئەربابلىرى ۋە دىنىي زاتلار بۇ قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىل نامزاتلىرى بولىدۇ؛ ۋەكىللەرنىڭ سايلىنىش ياكى بېكىتىلىش مەسىلىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا قۇرۇلتاي تەبييارلىق كومىتېتىمىز تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.
سوئال: مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
جاۋاب: بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىپىدە 26 تەشكىلات ۋە ئۇنىڭدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 100دىن ئارتۇق پائالىيەتچىمىز بار، بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارغا قېتىلمىغان ھالدا بىۋاستە بىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان 20 - 30 ئەتراپىدا پائالىيەتچىمىز بار. بۇ دېگەنلىرىم سەپنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتمىگەن، ئەمما ئارقا سەپتە تۇرۇپ قەلەم بىلەن، ئىقتىسادى بىلەن، سىياسىي مەسلىھەتلىرى بىلەن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان يەنە يۈزلەرچە ياردەمچىمىز بار. يەنى بۈگۈنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قوشۇنى 10 يىل ئاۋۋالقى قوشۇن ئەمەس، زور ۋە تەجرىبىلىك بىر قوشۇن.
سوئال: سىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتچىلەر قوشۇنىدىكى بۇ زورىيىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟
جاۋاب: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا زور كۆپىيىش بولدى، ئىككىنچىسى، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان قۇرۇلتاي تەركىپىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سەپتىن چېكىنمىدى، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىدى، بۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىيە ۋە تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تەجرىبىگە ئىگە بولدى، ئۈچىنچىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇنداق مۇستەھكەملىنىش، بۇنداق كۈچلىنىشىدە رەئىسىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى چاقىرىق كۈچى، خەلقئارادىكى نام شەرىپى ۋە تەشكىلاتىمىزدىكى يېتەكچىلىكى مۇھىم رول ئوينىدى.
سوئال: قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم پلانلىرىدىن بىرى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنى قايتىدىن سايلاپ چىقىش، سىزچە 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يېڭىلىنىش بولامدۇ؟
جاۋاب: پۈتۈنلەي يېڭىلىنىش بولمايدۇ دەپ قارايمەن، ئەمما ھەر قېتىمقى قۇرۇلتايدا بولغىنىدەك، بۇ قېتىممۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياكى تولۇقلىنىش بولىدىغانلىقى ئېنىق. خۇددى رەئىسىمىز رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا دېگىنىدەك، 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەملەرنى باسالايدىغان بىر رەھبەرلىك سېپىنى سايلاپ چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەممىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىل.
سوئال: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىگە قانداق بىر چاقىرىق ياكى تەشەببۇسلىرىڭىز بار؟
جاۋاب: ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنى، جۈملىدىن جامائەت ئەربابلىرىمىز ۋە ئاكتىپلىرىمىزنى قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن ھازىر بولۇشقا، بولۇپمۇ ۋەكىللەرنى سايلاش ياكى تەيىنلەشتە تەشكىلاتىمىزغا ئاكتىپ ھەمكارلىشىشقا، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىمىز.