«رابىتۇل ئالەمىن ئىسلام»، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا، ئاۋستىرىيە، فىنلاندىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىيە چاقىرىلىۋاتقان «خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشماقتا.
بۇ يىغىن 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مەككە ئەمىرى خالىت بىن ئابدۇلەزىز بىن سەئۇدىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىشى بىلەن باشلانغان. بۇ يىغىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تەختكە چىققان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلەزىز ئەلسۇئۇدىنىڭ ھىمايىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 80 دۆلەتتىن كەلگەن ئىسلام ئۆلۈمالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، قازاقىستاندىن شىرەلى ئەپەندى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مەمەت يۈسۈپ ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشماقتا.
دولقۇن ئەيسا بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بولۇپ، يىغىندا تېررورىزم بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تېررورىزم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تېررورىزمنىڭ ئاخبارات ۋە مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا تېررورىزمنىڭ خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق باغلىنىشلىرى ۋە تېررورىزمغا تەسىر قىلغان ئامىللار قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولىۋاتقان دىنىي بېسىملار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي سىياسىي تېررورلۇقى ئاڭلىتىلغان. بۇلاردىن سىرت يىغىن ئەھلىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان 2014 - يىللىق ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى تارقىتىپ بېرىلگەن. بۇ دوكلاتنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى مەسئۇللىرى تۇڭگانلارغىمۇ بېرىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
يىغىن 22 - فېۋرال كۈنىدىن 25 - فېۋرال كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.
0:00 / 0:00