د ئۇ ق ۋەكىللىرى شىۋېتسىيەدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

0:00 / 0:00


ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرىنىڭ يېرىم يىللىق يىغىنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەت ۋەكىللىرى ۋە شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 28 - ئاپرېل كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يېغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىدە ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

سىتوكھولمدا توپلانغان ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق يىغىندا «دېموكراتىيەلىشىش ۋە تىنچلىقنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى، ئاز سانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» دېگەن تېما ئاستىدا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ، ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋىزىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم قىلىشى ئارقىسىدا رەت قىلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتى بىلەن باشلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىشنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، خىتاي ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تونۇشۇشقا، باشقا مىللەتلەر ئارا ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بېرىشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.