د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋەكىلى توكيودا بىر قىسىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00


8-ئاينىڭ 23-كۈنى د ئۇ ق قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆبىسى، تىبەت ۋەكىلى شۇنداقلا ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئاممىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلاردا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆھبەت ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا بۇندىن كېيىن ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە توكيودىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆبىسى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەن.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودىكى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى لھاكپا تشوكو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تەجرىبە ‏- ساۋاقلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشى ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن « كۇرەتاكە ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى كۇسۇكې توياما ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەتتە بولغان.

مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى كوسۇكې توياما ئەپەندى بولسا 30- ۋە 40-يىللىرىدا توكيودا ئېلىپ بېرىلغان مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولغان، ياپونىيىدىكى مەشھۇر سىياسىيۇنلاردىن بىرىنىڭ نەۋرىسىدۇر.

نۆۋەتتە، بۇ قېتىمقى توكيودا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېلىش ئۈچۈن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.