د ۇ ق تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇندى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى باش كاتىپى ھالۇق ئىپەك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىپ، ئۇنىڭغا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ رامازان ئېيىدىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىدىن كۈتكەنلىرىمىز» ماۋزۇلۇق قىسقا دوكلاتىنى سۇندى.

ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ ھۆكۈمەتتىن «ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ئىگە چىقمايسىلەر؟» دەپ سوئال سورىغان قورقماز ئەپەندىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەخمەت خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 19 - ئىيۇل جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.