2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن ھازىرلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايلىق خەۋەرنامە رەسمىي نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ.
د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شىتابىدىن ئىگىلىشىمىزچە، قۇرۇلتاي نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى پارىژدا چاقىرىلغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن كېيىن، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئايلىق خەۋەرنامە نەشر قىلىش قارارىنى ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەرنامە ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئايلىق ئۇچۇر توپلىمى خاراكتېرىنى ئالىدىكەن. مەزكۇر خەۋەرنامە ئېلكىتاب شەكلىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھەمدە ئېلخەت ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ئەۋەتىلىپلا قالماستىن، يەنە كىتابچە شەكلىدە باستۇرۇلۇپ ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر خەۋەرنامىنى نەشر قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى د ئۇ ق خەۋەرنامىسى بىر مەزگىل نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىشالمىغان. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي خەۋەرنامىسىنىڭ ئەنگىلىزچە نۇسخىسى 2013-يىلىدىن ئىتىبارەن نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ، غەرب ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات ئېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب سادالىرىنى بىلىشتە قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيال مەنبەسى بولۇشتەك رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گۆتىيېر خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ئاساسىي جەھەتتىن سىياسىي مۇجادىلە بىلەن مىللىي تەشۋىقات كۈرىشىگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن بولغان تەشۋىقات كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەگەر كۈچىنى بىر يەرگە جەم قىلالىسا، خىتايدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىيالايدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئاخبارات يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت. بولۇۋاتقان ھادىسىلەر ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارتىۋاتقان دەرتلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا سىرتقا مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. مۇبادا، ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسى خىتاي ئېلان قىلىۋاتقان ساختا مەلۇماتلارنى، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى يالغانچىلىقلارنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا پاكىتلىق ھالدا ۋاقتى-ۋاقتىدا بىلدۈرەلىسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇملىرىغا قارىتا دۇنيا جامائىتى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ نەپرەت پەيدا قىلغىلى ۋە خىتاي ئۈستىدىن يەنىمۇ كۈچلۈك بېسىم ياراتقىلى بولىدۇ.»
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممدى ئەپەندى بولسا، قۇرۇلتاي خەۋەرنامىسىنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ياخشى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلاردا مىللىي تەشۋىقاتنىڭ يەنىلا ئاجىز بىر ساھە ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ جەھەتكە يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرەلمىگەنلىكىنى، ئەسلىدە مىللىي تەشۋىقاتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ھاياتىي كۈچى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىغا قارشى چىقىشنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ قارايدىغان فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن كەسكىن بىر تەشۋىقات كۆرىشىگە دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «چەتئەللەردە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئىدىيىسىنى زەھەرلەشنى نىشان قىلغان كوممۇنىزم تەشۋىقاتىغا قارشى چىقىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بولسا مەجبۇرىيەت دەپ بىلىشى كېرەك.»
0:00 / 0:00